پەند-نەسىھەتلەر 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى 1 سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: دانا ئوغۇل شادلاندۇرار ئاتىسىنى، نادان ئوغۇل قايغۇغا سالار ئانىسىنى. 2 پايدا بەرمەس ھارام بايلىق، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار ھەققانىيلىق. 3 ئاچ قويماس خۇدا ھەققانىيلارنى، ئەمەلگە ئاشۇرماس يامانلارنىڭ ئارزۇسىنى. 4 نامرات بولار قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرغانلار، بايلىق كەلتۈرەر ئۆز قولى بىلەن ئىشچانلار. 5 ئەقىل-ئىدراكلىق ئوغۇلدۇر ھوسۇلنى ۋاقتىدا يىغقان، ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر ئورما مەزگىلىدە ئۇخلىغان. 6 بەرىكەت ھەققانىيلارنىڭ بېشىغا ياغار، زوراۋانلىقىنى يامانلارنىڭ سۆزلىرى يوشۇرار. 7 ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار. يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار. 8 قەلبىدە دانالىق بولغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلار، ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالاغا قالار. 9 دىيانەت يولىدا ماڭغاننىڭ قەدىمى بىخەتەردۇر، ئەگرى يولدا يۈرگەننىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتامدۇر. 10 غەرەزلىك كۆز قىسقان غەم-قايغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرار، ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالادا قالار. 11 ھاياتلىق بۇلىقىدۇر ھەققانىينىڭ سۆزى، يوشۇرار زوراۋانلىقىنى يامانلارنىڭ تىلى. 12 ئۆچمەنلىك جېدەل-ماجىرا قوزغار، مېھىر-مۇھەببەت بارلىق گۇناھلارنى ياپار. 13 ئاقىلنىڭ لەۋلىرىدىن دانالىق تامار، ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە دەررە تەييار تۇرار. 14 دانالار بىلىمىنى ئىچىدە ساقلار، ئەخمەقنىڭ تىلى ھالاكەت چاقىرار. 15 بايلارنىڭ مەزمۇت قورغىنىدۇر ئۆز بايلىقى. نامراتلارنىڭ ھالاكىتىدۇر ئۆز يوقسۇزلۇقى. 16 ھاياتلىقتۇر ھەققانىينىڭ ئېرىشكىنى، گۇناھتۇر رەزىلنىڭ تاپقىنى. 17 تەربىيىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاياتلىق يولىدىدۇر، تەنبىھنى رەت قىلغۇچى يولدىن ئازغان كىشىدۇر. 18 ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرغۇچىنىڭ سۆزى يالغان. ئەخمەقتۇر باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان. 19 گۇناھتىن خالىي بولماس كۆپ سۆزلەيدىغان، دانادۇر تىلىنى تارتقان. 20 ساپ كۈمۈشتۇر ھەققانىينىڭ لەۋزى، ئەرزىمەستۇر يامانلارنىڭ كۆڭلى. 21 ھەققانىينىڭ سۆزى كۆپكە ئوزۇق بولار، ئەخمەقلەر ئەقىلسىزلىقىدىن ھالاك بولار. 22 بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى، قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى. 23 ھۇزۇرلىنار ئەقىلسىز يامانلىق قىلغىنىدىن، زوقلىنار ئاقىل دانالىق ئىشىدىن. 24 ياماننىڭ قورققىنى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشەر، ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشار. 25 قۇيۇندىن كېيىن يامان ئادەم يوقىلار، ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەك مەزمۇت قالار. 26 سىركە چىشنى، تۈتۈن كۆزنى ئېچىشتۇرار، ھۇرۇن ئۆزىنى ئىشقا سالغۇچىنى ئاۋارە قىلار. 27 ئۇزارتار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى، قىسقا بولار يامانلارنىڭ ئۆمرى. 28 شادلىق ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلارنىڭ ئۈمىدى، يوققا چىقار يامانلارنىڭ كۈتكىنى. 29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دىيانەتلىكلەر ئۈچۈن باشپاناھدۇر، يامانلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھالاكەتتۇر. 30 مۇستەھكەم تۇرار ھەققانىي ئادەم ئۆز ئورنىدا، ئۇزۇن تۇرالماس يامانلار زېمىندا. 31 ھەققانىينىڭ ئاغزىدىن دانالىق تۆكۈلەر، يالغان سۆزلەيدىغان تىل كېسىلەر. 32 ھەققانىينىڭ سۆزى كىشىلەرگە ياقار، يامانلارنىڭ ئاغزىدىن قۇۋلۇق-شۇملۇق چىقار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti