پەند-نەسىھەتلەر 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەند-نەسىھەتلەرنىڭ قىممىتى 1 داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: 2 بۇ پەند-نەسىھەتلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىگە ئىگە قىلار سېنى، يېشەر ئىبرەتلىك سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى؛ 3 تەربىيىلەر سېنى ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاشقا، ھەققانىي، ئادىل ۋە دۇرۇس بولۇشقا؛ 4 چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى، بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى. 5 ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن، زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن. 6 چۈشەنگىلى بولار بۇ پەند-نەسىھەتلەردىن ئەقلىيە سۆزلەرنى، تەمسىللەرنى، ئاقىللارنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە تېپىشماقلىرىنى. 7 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ. ياشلارغا نەسىھەت 8 ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ، تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ. 9 ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسى بېشىڭغا تاقالغان تاجدۇر، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئالتۇن زەنجىردۇر. 10 ئەي ئوغلۇم، ئەگەر سېنى گۇناھكارلار ئازدۇرسا، ئەگەشمىگىن ئۇلارغا. 11 ئەگەر ئۇلار:«كەل، بىزگە قوشۇل، تۇزاق قۇرايلى جان ئېلىشقا، بىرەر بىگۇناھنى سەۋەبسىزلا پايلاپ تۇرايلى تۇتۇشقا. 12 ئۆلۈكلەر ماكانىدەك تىرىك يۇتايلى بىز گۇناھسىزلارنى، گۆرگە چۈشۈپ كەتكەندەك يوقىتايلى ئۇ ساغلام ئادەملەرنى. 13 تارتىپ ئالايلى شۇ چاغ خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنيانى، ئالغان ئولجا بىلەن تولدۇرايلى ئۆيلىرىمىزنى. 14 بىزگە شېرىك بول، تاپقىنىمىز ئورتاق بولسۇن» دېسىمۇ، 15 ئەي ئوغلۇم، يولىغا كىرمە ئۇلارنىڭ، باسما بىر قەدەممۇ. 16 چۈنكى ئېتىشىدۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى يامانلىققا، ئالدىرىشىدۇ ھەم قان تۆكۈشكە. 17 قۇش تۇيۇپ قالغاندا تور يېيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر، 18 لېكىن شۇ يامانلار دەل ئۆز ئۆزىگە ئەجەللىك تۇزاق قويىدۇ، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدىغان ئورا كولايدۇ. 19 ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى. دانالىقنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى 20 دانالىق چاقىرماقتا كوچىلاردا، ئاۋازى ياڭرىماقتا بازارلاردا، 21 ئۈندىمەكتە ئاۋات جايلاردا، ۋەز ئېيتماقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ ئالدىدا: 22 _ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟ 23 تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سالغان بولساڭلار، سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم قەلبىمدىكىنى، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاتتىم ئوي-پىكىرلىرىمنى. 24 لېكىن مېنى رەت قىلدىڭلار چاقىرغىنىمدا، ھېچقايسىڭلار ئىلىك ئالمىدىڭلار قولۇمنى ئۇزاتقىنىمدا. 25 پەرۋا قىلمىدىڭلار نەسىھەتلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا، خالىمىدىڭلار قۇلاق سېلىشنى تەنبىھلىرىمگە. 26 شۇڭا كۈلىمەن بالايىئاپەتكە يولۇققىنىڭلاردا، سىلەرنى مەسخىرە قىلىمەن ۋەھىمىگە چۈشكىنىڭلاردا، 27 بوراندەك كەلگەن ۋەھىمىدە قالغىنىڭلاردا، بالايىئاپەت قۇيۇندەك يېتىپ كەلگىنىدە، ئازاب ۋە قايغۇ سىلەرنى مۇپتىلا قىلغىنىدا. 28 چاقىرىسىلەر يالۋۇرۇپ شۇ چاغ مېنى، لېكىن بەرمەسمەن سىلەرگە جاۋاب. ھەرقانچە ئىزدىسەڭلارمۇ تاپالمايسىلەر مېنى. 29 چۈنكى نەپرەتلەندىڭلار سىلەر بىلىمدىن، تاللىمىدىڭلار ئەيمىنىشنى خۇدادىن. 30 قوبۇل قىلمىدىڭلار مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى، مەنسىتمىدىڭلار بارلىق تەنبىھلىرىمنى. 31 شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر، ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر. 32 بەرھەق، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ نادانلار مېنى رەت قىلغانلىقتىن، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ ھاماقەتلەر بىغەملىكىدىن. 33 بىراق، ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، يامانلىقنىڭ ۋەھىمىسىدىن خالىي، خاتىرجەم بولىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti