فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز بولغان سەن فىلىمۇنغا 2 ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، بىز بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان ئاركىپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! 3 خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! فىلىمۇننىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئېتىقادى 4 قەدىرلىك فىلىمۇن، دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 5 چۈنكى، مەن سېنىڭ رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭ ۋە بارلىق ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. 6 ئېتىقادىڭ سەۋەبلىك خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغانلارنى باشقىلار بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭ، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىزدىن بىزگە بېرىلگەن بەختلەرنىڭ نەقەدەر مول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيسەن. 7 قېرىندىشىم، سېنىڭ ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى، سەن ئېتىقادچىلارنىڭ روھىنى كۆتۈردۈڭ. فىلىمۇننىڭ قۇلى ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىلتىماس 8 شۇڭا، مەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشۇم بىلەن ئەسلىدە سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بېجىرىشىڭنى يۈرەكلىك ھالدا بۇيرۇيالىساممۇ، 9 لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن. 10 سەندىن قۇلۇڭ ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىلتىماس قىلىمەن. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىمدا مەن ئارقىلىق ئېتىقادچى بولغانلىقتىن، ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان. 11 ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر. 12 مەن ھازىر ئۇنى، يەنى جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرىمەن. 13 خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولۇپ زىنداندا يېتىۋاتقان مۇشۇ ۋاقتىمدا، ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن يېنىمدا ئېلىپ قالغۇم بار ئىدى. 14 بىراق، سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالمىغاچقا، بۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. سېنىڭ ماڭا مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن ياخشىلىق قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلدىم. 15 خۇدانىڭ قۇلۇڭ ئونېسىمۇسنىڭ ۋاقتىنچە سېنىڭ يېنىڭدىن قېچىشىغا يول قويغانلىقى، بەلكىم كېيىن سېنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ئېلىپ قېلىشىڭ ئۈچۈندۇر. 16 ئەمدى سەن ئۇنى قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن - سۆيۈملۈك بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ قاتارىدا كۆرەرسەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. سەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن قۇل-خوجايىنلىق مۇناسىۋىتىڭ بولۇپلا قالماي، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىڭمۇ باردۇر. 17 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە سەپداش دەپ قارىساڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىل. 18 ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى پۇللىرىڭنى ئوغرىلىغان بولسا، ئۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا ياز. 19 مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: ھېساباتنى ئۆزۈم قايتۇرىمەن. لېكىن، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەڭگۈلۈك ھاياتىڭ ئۈچۈن ماڭا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. 20 شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، رەببىمىز ئۈچۈن ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلغىن. ئىككىلىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، روھىمنى كۆتۈر. 21 سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، بۇ خەتنى يازدىم. 22 يەنە بىر ئىش، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى، دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق زىنداندىن ئازاد بولۇپ، يېنىڭلارغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. ئاخىرقى سالام 23 ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىلەن بىللە مەھبۇس بولغان ئېپافىرا، 24 خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام. 25 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti