Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئوبادىيا 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىدومنىڭ جازالىنىشى

1 بۇ مەن ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىي بولۇپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. بىز پەرۋەردىگاردىن بىر خەۋەر ئالدۇق، ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ. ئەلچى: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.

2 پەرۋەردىگار ئىدومغا مۇنداق دېدى: «ئاڭلا، مەن ئەمدى سېنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئاجىز بىر ئەل قىلىپ قويىمەن، سېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ!

3 تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدايدۇ. سېنىڭ پايتەختىڭ قىيادىكى قورغاندۇر، ئۆيۈڭ ئېگىز تاغدىدۇر. شۇڭا سەن كۆڭلۈڭدە: ‹كىم مېنى بۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟› دەپ ئويلايسەن.

4 لېكىن سەن بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچۇپ، يۇلتۇزلار ئارىسىغا ئۇۋا سالساڭمۇ، مەن يەنىلا سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.

5 كېچىسى ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئوغرى پەقەت ئۆزى خالىغان نەرسىسىنى ئالىدىغۇ؟ كىشىلەر ئۈزۈملەرنى يىغقاندا ئازراق قالدۇرۇپ قويىدىغۇ، لېكىن سېنىڭ دۈشمىنىڭ ھېچنېمە قالدۇرمايدۇ.

6 ئەي ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىسىلەر! يوشۇرۇپ قويغان بايلىقىڭلار تېپىۋېلىنىدۇ ۋە ئېلىپ كېتىلىدۇ.

7 سىلەرنىڭ بارلىق ئىتتىپاقدىشىڭلار سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلىۋېتىدۇ، سىلەر بىلەن تىنچ ئۆتكەن كىشىلەر سىلەرنى ئالدايدۇ ۋە مەغلۇپ قىلىدۇ، سىلەر بىلەن بىللە غىزالانغان كىشىلەر سىلەرگە تۇزاق قۇرىدۇ، سىلەر غەپلەت ئىچىدە قېلىپ، ھېچنېمىنى بىلمەيسىلەر.»

8 بۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىدومنىڭ دانىشمەنلىرىنى ھەمدە ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىن كەلگەن مەسلىھەتچىلەرنى يوقىتىمەن!

9 ئەي تېمان شەھىرى، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ ھودۇقۇپ كېتىدۇ. ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىكى خەلقنىڭ ھەممىسى قىرغىن قىلىنىدۇ!

10 ئەي ئىدوم، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى تۇغقانلىرىڭغا زوراۋانلىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئىزا-ئاھانەتكە قالىسەن ھەمدە مەڭگۈلۈككە ۋەيران قىلىنىسەن.

11 ئۇلار تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا، سەن ئۇلارغا ياردەم قىلماي، يىراق تۇرىۋالدىڭ. ياتلار يېرۇسالېمدىكى بايلىقنى تالىشىپ، چەك تاشلاپ، تالان-تاراج قىلغاندا، سەن خۇددى ئىسرائىللارنىڭ بىر دۈشمىنىگە ئوخشاپ قالدىڭ.

12 تۇغقانلىرىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان كۈندە، ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. يەھۇدىيە خەلقى ۋەيران بولغان كۈندە، شادلانماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بەختسىزلىككە يولۇققان كۈندە، مەسخىرە قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.

13 مېنىڭ خەلقىم بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ شەھىرىگە كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلىماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.

14 سەن تۆت كوچىنىڭ ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ، قېچىۋاتقانلارنى قىرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان كۈندە، سەن ئۇلارنى دۈشمەنلەرگە تۇتۇپ بەرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى.»


پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشى

15 «مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئەللەرنى سوراققا تارتىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا! ئەي ئىدوم، سەن قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن! رەزىللىكىڭ ئۆز بېشىڭغا كېلىدۇ!

16 مېنىڭ خەلقىم مۇقەددەس تېغىمدا جازا شارابىنى تولۇق ئىچىۋەتتى، ئەمدى سەن ۋە ئەتراپىڭدىكى ئەللەرمۇ بۇ جازا شارابىنى تولۇق ئىچىسىلەر. شۇنداق، سىلەر جازا شارابىنى ئىچىسىلەر. سىلەر خۇددى ھېچقاچان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك يوقاپ كېتىسىلەر.

17 لېكىن سىئون تېغى قاچقانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ بىر مۇقەددەس زېمىن بولىدۇ. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ.

18 ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتقا، يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يالقۇنغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى پاخالغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كۆيۈپ، پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

19 كېيىن نەگېب چۆللۈكىدە ياشىغان خۇدانىڭ خەلقى ئىدوم تاغلىرىنى قايتىدىن ئىگىلەيدۇ. غەربىي ئېدىرلىقلاردا ياشىغانلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئەفرايىم ۋە سامارىيە زېمىنلىرىنى ئىگىلەيدۇ. بىنيامىنلار گىلئاد زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ.

20 سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار فەنىكىيە زېمىنىنىڭ زارىفات شەھىرىگىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەيدۇ. يېرۇسالېمدا تۇتقۇن قىلىنىپ، سىفاراد شەھىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەر قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەيدۇ.

21 ئۇلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سىئون تېغىغا كېلىپ، ئىدوم تاغلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan