Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


قەبىلە باشلىقلىرى سۇنغان ھەدىيەلەر

1 مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.

2 شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى، يەنى رويخەتكە ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشتى.

3 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى تۇياق ئۆكۈز ھەدىيە قىلغان بولۇپ، ھەربىر قەبىلە باشلىقى بىردىن ئۆكۈز، ھەر ئىككى قەبىلە باشلىقى بىرلىشىپ، بىردىن ھارۋىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشكەنىدى.

4 پەرۋەردىگار مۇساغا:

5 _ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئالغىن. بۇ نەرسىلەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىڭلار. لاۋىيلارنىڭ ئىش تەقسىماتىغا قاراپ، بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگىن، _ دېدى.

6 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا ۋە ئۆكۈزلەرنى لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.

7-8 ئۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە قاراپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى گېرشون ئەۋلادلىرىغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈزنى، مىرارى ئەۋلادلىرىغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈزنى بەردى.

9 بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.

10 قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن، ئاقساقاللار بېغىشلاش ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.

11 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا: «ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا بېغىشلاش ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن، ھەر كۈنى بىر ئاقساقال ئۆز ھەدىيەسىنى سۇنسۇن» دېگەنىدى.

12 بىرىنچى كۈنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

13 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

14 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

15 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

16 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

17 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوننىڭ ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

18 ئىككىنچى كۈنى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

19 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

20 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

21 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

22 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

23 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

24 ئۈچىنچى كۈنى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

25 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

26 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

27 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

28 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

29 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

30 تۆتىنچى كۈنى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

31 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

32 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

33 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

34 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

35 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

36 بەشىنچى كۈنى شىمون قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

37 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

38 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

39 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

40 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

41 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

42 ئالتىنچى كۈنى گاد قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

43 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

44 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

45 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

46 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

47 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

48 يەتتىنچى كۈنى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

49 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

50 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

51 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

52 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

53 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

54 سەككىزىنچى كۈنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

55 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

56 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

57 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

58 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

59 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

60 توققۇزىنچى كۈنى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

61 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

62 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

63 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

64 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

65 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداننىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

66 ئونىنچى كۈنى دان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

67 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

68 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

69 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

70 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

71 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

72 ئون بىرىنچى كۈنى ئاشېر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

73 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

74 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

75 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

76 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

77 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

78 ئون ئىككىنچى كۈنى نافتالى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.

79 ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،

80 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

81 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،

82 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،

83 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

84 قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەن كۈنى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا بېغىشلاش ئۈچۈن سۇنغان ھەدىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىدەك: 12 كۈمۈش تاۋاق، 12 كۈمۈش قاچا، 12 ئالتۇن تەخسە.

85 مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھەربىر كۈمۈش تاۋاقنىڭ ئېغىرلىقى بىر يېرىم كىلو، ھەربىر كۈمۈش قاچىنىڭ ئېغىرلىقى 800 گىرام بولۇپ، بارلىق كۈمۈشنىڭ ئېغىرلىقى 27 كىلو 600 گىرام ئىدى.

86 ئىچىگە ئىسرىق تولدۇرۇلغان 12 ئالتۇن تەخسە، ھەربىر تەخسىنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 115 گىرام بولۇپ بارلىق تەخسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 1 كىلو 380 گىرام ئىدى.

87 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن 12 بۇقا، 12 قوچقار، 12 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان ھەمدە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە سۇنۇلغانىدى.

88 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماللار تۆۋەندىكىدەك: 24 بۇقا، 60 قوچقار، 60 تېكە، 60 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن سۇنۇلغان بېغىشلاش ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

89 مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan