Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ناپاك كىشىلەرنىڭ قارارگاھتىن چىقىرىۋېتىلىشى

1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2 _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئېغىر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما چىققانلار، جەسەتنى تۇتۇپ ناپاك بولغانلار،

3 مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى قارارگاھتىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئاراڭلاردىكى مەن تۇرىدىغان بۇ قارارگاھ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانمىسۇن.»

4 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىگە بىنائەن بۇنداق كىشىلەرنى قارارگاھتىن چىقىرىۋەتتى.


زىيان ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش

5 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

6 _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلسا، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم گۇناھكار بولىدۇ.

7 ئۇنداق ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، زىيان سالغان كىشىگە زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە زىياننىڭ بەشتىن بىر ئۈلۈشىنى قوشۇپ تۆلىشى كېرەك.

8 ئەگەر تۆلەم ئالغۇچى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، ئۇ تۆلەمنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، روھانىيغا بەرسۇن. زىيان سالغۇچى گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان قوچقاردىن سىرت، تۆلەمنىمۇ قوشۇپ بەرسۇن.

9 ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ، روھانىيلارغا بېرىدىغان بارلىق ھەدىيەلىرى روھانىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولىدۇ.

10 ھەربىر روھانىي ئۆزىگە ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەلەرنى ئۆزى قوبۇل قىلسۇن.»


ئايالنىڭ سادىقلىقىنى تەكشۈرۈش

11 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

12 _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەگەر بىر ئايال يولدىن چىقىپ، ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ،

13 مەلۇم بىر ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ھەمدە بۇ ئىشنى ئېرىدىن سىر تۇتسا، گەرچە ئۇ ئايال بۇلغانغان بولسىمۇ لېكىن بايقالمىغان بولسا، ھەمدە گۇۋاھچىسىمۇ بولمىسا،

14 ئەرنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ بۇزۇقچىلىق قىلغان ئايالىنى كۈنلىسە، ياكى ئايالى بۇزۇقچىلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئايالىنى كۈنلىسە،

15 ئەر ئايالىنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. ئۇ يەنە ئايالى ئۈچۈن بىر كىلو ئارپا ئۇنىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارسۇن. بۇ كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قۇيمىسۇن، ئىسرىقنىمۇ سالمىسۇن.

16 روھانىي ئۇ ئايالنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، تۇرغۇزسۇن.

17 ئاندىن ساپال قاچىغا ئازراق مۇقەددەس سۇ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېرىدىن ئازراق توپا ئېلىپ سالسۇن.

18 روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ ئايالنىڭ چېچىنى چۇۋۇپ، كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەنى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسۇن، شۇنداقلا روھانىي لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان زەرداب سۈيىنى قولىغا ئېلىپ تۇرسۇن.

19 روھانىي ئۇ ئايالغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، مۇنداق دېسۇن: ‹ئەگەر سەن بىرەر ئەر بىلەن ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولساڭ، لەنەت ياغدۇرىدىغان بۇ زەرداب سۇنىڭ زەھەرلىشىدىن خالاس بولىسەن.

20 ئەگەر سەن ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ، يولدىن چىقىپ، باشقا ئەر بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ،

21 (ئۇ ۋاقىتتا روھانىي ئايالغا قەسەم ئىچكۈزىدۇ) پەرۋەردىگار بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋېتىپ، قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، سېنى خەلقىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى قىلسۇن.

22 بۇ سۇ ئىچىڭگە كىرىپ، ساڭا لەنەت ئېلىپ كەلسۇن ھەمدە قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.› كېيىن ئۇ ئايال ‹ئامىن، ئامىن› دېسۇن.

23 روھانىي بۇ لەنەت سۆزلىرىنى تېرىگە يازسۇن، ئاندىن ئۇنى زەرداب سۈيىدە يۇيسۇن.

24 روھانىي ئۇ ئايالغا لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ زەرداب سۈيىنى ئىچكۈزسۇن. سۇ ئايالنىڭ قورسىقىغا كىرگەندە، ئەگەر ئايال گۇناھكار بولسا، سۇ ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

25 روھانىي ئايالنىڭ قولىدىكى كۈندەشلىكنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيەنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كەلسۇن.

26 روھانىي ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر سىقىم ئېلىپ، ئۇنى نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. كېيىن زەرداب سۈيىنى ئايالغا ئىچكۈزسۇن.

27 روھانىي بۇ سۇنى ئىچكۈزگەندە، ئەگەر ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنى جەبىر-زۇلۇمغا سالىدۇ. قورسىقى كۆپۈپ، بالىياتقۇسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئايال خەلقىنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى بولىدۇ.

28 ئەگەر ئۇ ئايال بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولۇپ، پاك بولسا، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ ھەمدە پەرزەنت كۆرەلەيدۇ.

29-30 مانا بۇ، بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەمرىدە تۇرۇقلۇق يولدىن چىقىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان ياكى ئېرىنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ، ئايالىنى كۈنلىگەن چاغدىكى گۇمانلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇندۇر. شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ئەر ئايالىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي بۇ قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلسۇن.

31 مۇنداق بولغاندا ئەر گۇناھتىن خالىي بولىدۇ. ئايال گۇناھكار بولسا، خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan