چۆلدە 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقوھات جەمەتى ۋە روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى 1 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: 2 _ لاۋىيلارنىڭ قوھات جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 3 ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئېلىڭلار. 4 قوھاتلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر. 5 چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. 6 ئۇنىڭ ئۈستىنى يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن يېپىپ، ئارقىدىن كۆك رەڭلىك رەخت ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. 7 ئۇلار ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار قويۇلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈپلەر ۋە چىنىلەرنى قويسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن. 8 ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى بىر پارچە توق قىزىل رەڭلىك رەخت بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. 9 ئۇلار چىراغدان، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار، پەتنۇس ۋە بارلىق زەيتۇن يېغى قاچىلانغان قاچىلارنى كۆك رەڭلىك رەخت بىلەن يۆگەپ، 10 ئۈستىنى نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن. 11 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالتۇن ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. 12 مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا جابدۇقلارنى كۆك رەڭلىك رەختكە يۆگەپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن. 13 قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۈللەرنى تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك رەخت ياپسۇن. 14 ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. 15 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. 16 روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار چىراغ يېغى، خۇشبۇي ئىسرىق، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەسى، مۇقەددەس ياغ ھەمدە پۈتۈن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە، جۈملىدىن چېدىرنىڭ جاھازلىرى ۋە جابدۇقلىرىغا مەسئۇل بولسۇن. 17 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى: 18 _ قوھات جەمەتلىرىنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭلار! 19 قوھاتلار ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوھاتلار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىرگە كىرىپ، قوھاتلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن. 20 بىراق روھانىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى مۇقەددەس نەرسىلەرنى يېپىۋاتقاندا، قوھاتلار قەتئىي كىرىپ كۆرمىسۇن! كىرسە، ئۆلىدۇ. گېرشون ۋە مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى 21 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 22 _ گېرشون جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 23 ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن. 24 گېرشون جەمەتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەش ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلىش بولسۇن. 25 ئۇلار ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارنى، كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردىنى، 26 ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلار، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردە ۋە تانىلارنى شۇنداقلا شۇ ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان-جابدۇقلارنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولسۇن ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلسۇن. 27 گېرشونلار نەرسىلەرنى توشۇغاندا ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغاندا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسۇن. ئۇلار گېرشونلارنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرسۇن. 28 مانا بۇلار گېرشونلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىلىرىدۇر. ئۇلار روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلسۇن. 29 مىرارى جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنىمۇ ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 30 ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن. 31 ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى توشۇش بولۇپ، ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، 32 ھويلىنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى، تانىلىرى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى توشۇشقا مەسئۇل بولسۇن. ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن. 33 مانا بۇلار مىرارى جەمەتىدىكىلەرنىڭ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدۇر. شەرتكە توشقان لاۋىيلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى 34 مۇسا، ھارۇن ۋە جامائەت ئاقساقاللىرى قوھات جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 35 ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى. 36 ئۇلارنىڭ سانى جەمەتى بويىچە جەمئىي 2750 كىشى بولۇپ چىقتى. 37 قوھات جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن قوھات جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى. 38 ئۇلار گېرشون جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 39 ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى رويخەتكە ئالدى. 40 ئۇلارنىڭ سانى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە جەمئىي 2630 كىشى بولۇپ چىقتى. 41 گېرشون جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن گېرشون جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى. 42 ئۇلار مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 43 ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى. 44 ئۇلارنىڭ سانى جەمەتى بويىچە جەمئىي 3200 كىشى بولۇپ چىقتى. 45 مىرارى جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە مىرارى جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى. 46 مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پۈتۈن لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالدى. 47 لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە توشۇش ئىشلىرىنى قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ سانى 48 جەمئىي 8580 كىشى بولۇپ چىقتى. 49 پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى توشۇيدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە رويخەتكە ئېلىندى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti