Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


قىزلارنىڭ مىراس ھوقۇقى قانۇنى

1 گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماناسسەنىڭ نەۋرىسى، يۈسۈپنىڭ ئەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە مۇساغا مۇنداق دېدى:

2 _ سىلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنلارنى چەك تاشلاش يولى بىلەن ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلغانلىرىدا، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ زىلوفخادنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بۇيرۇغانىدى.

3 ئەگەر ئۇ قىزلار باشقا قەبىلىلەرگە ياتلىق بولسا، قەبىلىمىزنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئۇلار ياتلىق بولغان ئەرلەرنىڭ قەبىلىلىرىگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەبىلىمىزگە چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارمۇ ئازلاپ كېتىدۇ.

4 قۇت يىلىغا كەلگەندە، سېتىۋېتىلگەن بارلىق زېمىنلار ئەسلى ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ زېمىنى بولسا قايتۇرۇلماي، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بىزنىڭ قەبىلىمىز ئۇ زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.

5 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ يۈسۈپنىڭ ئوغلىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ دېگىنى توغرا.

6 زىلوفخادنىڭ قىزلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى مۇنداق: «ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياتلىق بولسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەر بىلەن تويلىشىشى كېرەك.

7 ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.

8 زېمىنغا ئىگە بولغان قىزلار چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەرگە ياتلىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر قەبىلە ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قالىدۇ.

9 ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.»

10 زىلوفخادنىڭ قىزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرىگە ئەمەل قىلدى.

11 ماخلاھ، تىرزاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.

12 ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ قەبىلىسىدىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزلارنىڭ زېمىنى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەبىلىسىگە قالدى.

13 يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan