Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


كەنئاننىڭ چېگرالىرى

1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2 _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ:

3 جەنۇب تەرەپتە زىن چۆلىدىن ئىدوم چېگراسىنى بويلاپ سوزۇلىدۇ. شەرقتە جەنۇبتىكى چېگرا تۇز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن باشلىنىپ،

4 جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چايان داۋىنىدىن يەنە جەنۇبقا سوزۇلۇپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا، خازار-ئاددار شەھىرىگە، ئۇ يەردىن ئازمون شەھىرىگە بارىدۇ.

5 ئاندىن بۇرۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.

6 غەرب تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىز بولىدۇ.

7 شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن ھور تېغىغىچە،

8 ئاندىن ئۇ يەردىن لىبو-خامات شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، زېداد ۋە

9 زىفرون شەھەرلىرىگە سوزۇلۇپ، خازار-ئېنانغىچە بارىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ.

10 شەرق تەرەپتىكى چېگراڭلار خازار-ئېناندىن شىفامغا،

11 ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بېرىپ، ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاھقا بارىدۇ. ئاندىن جەلىلىيە كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ،

12 ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»

13 مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر.

14 رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىمۇ ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولدى.

15 بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە ئىگە بولغان زېمىنلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولدى.

16 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

17 _ سىلەرگە يەر تەقسىم قىلىشقا روھانىي ئەلئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مەسئۇل قىلىندى.

18 ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق تاللىنىپ، يەر تەقسىم قىلىشقا ياردەملەشسۇن.

19 تۆۋەندىكىلەر يەر تەقسىم قىلىشقا تاللانغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،

20 شىمون قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى سامۇئىل،

21 بىنيامىن قەبىلىسىدىن: كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد،

22 دان قەبىلىسىدىن: يوگلىنىڭ ئوغلى بۇققى،

23 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن: ئېفودنىڭ ئوغلى خاننىئېل،

24 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: شىفتاننىڭ ئوغلى كىمۇئېل،

25 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن: پارناكنىڭ ئوغلى ئەلىزافان،

26 ئىسساكار قەبىلىسىدىن: ئاززاننىڭ ئوغلى پالتىئېل،

27 ئاشېر قەبىلىسىدىن: شىلومىنىڭ ئوغلى ئاخىھۇد،

28 نافتالى قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى پىدائېل.

29 يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، كەنئان زېمىنىدا ئىسرائىللارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan