Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قەبىلىلەر

1 رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،

2 مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:

3 _ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق

4 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بۇ زېمىنلار مال بېقىشقا مۇۋاپىق ياخشى جايلار ئىكەن. بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان چارۋا ماللىرىمىز بار.

5 ئەگەر بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتسەڭلار، بۇ يەرلەرنى بىزگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىزنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەيسىلەر.

6 مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەجەبا سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، باشقا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىمۇ؟

7 سىلەر نېمىشقا ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ يۈرىكىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىسىلەر؟

8 ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى.

9 ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى.

10 ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، قەسەم قىلىپ، مۇنداق دېگەنىدى:

11 «مىسىردىن چىققان، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ھېچبىر ئادەم مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىننى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشمىدى.

12 پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.»

13 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چۆلدە قىرىق يىل سەرسان قىلدى. بۇ ئىش تاكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ھېسابلانغان ئاشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە داۋاملاشتى.

14 ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟!

15 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم چۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پۈتۈن خەلق ۋەيران بولىدۇ.

16 ئۇلار مۇساغا يېقىن كېلىپ مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە چارۋا ماللىرىمىزغا قوتان، ئۆزىمىزگە شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقايلى.

17 ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغۇچە جەڭ قىلايلى.

18 باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغۇچە، ھەرگىز ئۆيلىرىمىزگە قايتمايمىز.

19 لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زېمىن بۆلۈشمەيمىز. چۈنكى بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز.

20 مۇسا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ جەڭگە چىقىڭلار.

21 پۈتۈن قوشۇنۇڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تاكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى يوقاتقۇچە،

22 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشۇ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغۇچە جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.

23 ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.

24 سىلەر ھازىر بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شەھەر بەرپا قىلىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ئۈچۈن قوتان ياساڭلار. بەرگەن ۋەدەڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

25 گاد ۋە رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىكىلەر مۇساغا مۇنداق دېدى: _ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز.

26 ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ.

27 خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جەڭ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، جەڭ قىلىدۇ.

28 شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىدىكى جەمەت باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى:

29 _ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.

30 ئەگەر گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر قوراللىرىنى قولىغا ئالمىسا، سىلەر بىلەن بىرلىكتە دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلمىسا، ئۇلارغا بۇ تەرەپتىن زېمىن بېرىلمىسۇن، ئۇلار چوقۇم باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كەنئاندىن ئۆزىگە تېگىشلىك زېمىننى جەڭ قىلىپ ئېلىشى كېرەك.

31 گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر ئىككىنچى قېتىم يەنە مۇنداق دېدى: _ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش تۇتىمىز.

32 بىز چوقۇم قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، كەنئاندا جەڭ قىلىمىز. كېيىن بىز قايتىپ كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىن زېمىن ئالىمىز.

33 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.

34 گاد قەبىلىسى دىبون، ئاتاروت، ئاروئېر،

35 ئاتروت-شوفان، يازېر، يوگبوھا،

36 بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قايتىدىن بىنا قىلدى ۋە چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتانلارنى ياسىدى.

37 رۇبېننىڭ قەبىلىسى خەشبون، ئەلئالى، قىرياتائىم،

38 نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.

39 ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلئادنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقارغانىدى.

40 مۇسا گىلئادنى ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەردى، ئۇ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.

41 ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يائىر گىلئادنىڭ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، بۇ شەھەرلەرگە «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ نام قويدى.

42 نوباخ ئىسىملىك كىشى قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىپ، ئۇ شەھەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن «نوباخ» دەپ ئاتىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan