چۆلدە 31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمىديانلاردىن قىساس ئېلىش 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ ئىسرائىللار ئۈچۈن مىديانلاردىن قىساس ئالغىن، ئاندىن سەن ئالەمدىن ئۆتىسەن. 3 مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: _ ئەرلەر قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىساس ئالىمىز. 4 ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مىڭدىن ئادەم چىقىرىشى كېرەك. 5 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى مىڭدىن ئادەم چىقاردى. ئۇلار جەمئىي 12 مىڭ ئادەمنى قوراللاندۇردى. 6 مۇسا ھەربىر قەبىلىدىن چىققان مىڭ ئادەمنى روھانىي ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلاندۇردى. پىنىخاس ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملار ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىدا چېلىنىدىغان كانايلارنى ئېلىپ ماڭدى. 7 ئۇلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمر بويىچە مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىديانلارنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى ئۆلتۈردى. 8 بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى. 9 ئىسرائىللار مىديانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، پۈتۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى ئولجا ئالدى. 10 ئۇلارنىڭ شەھەر، يېزا ۋە قارارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋېتىپ، 11 ئەسىر ۋە ئولجا ئالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كەتتى. 12 ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى قارارگاھىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل جامائىتىگە تاپشۇردى. 13 مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. 14 لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ، 15 مۇنداق دېدى: _ سىلەر نېمىشقا بۇ ئاياللارنى ھايات قالدۇردۇڭلار؟ 16 دەل مۇشۇ ئاياللار پىئوردىكى ۋاقتىمىزدا بىلئامنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە ۋابا كېسىلى چۈشۈرمىدىمۇ؟ 17 ھازىر سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ۋە ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. 18 لېكىن ئىپپەتلىك قىزلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ساقلاپ قالساڭلار بولىدۇ. 19 ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن. 20 شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى، خۇرۇم بۇيۇملىرىنى، ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان نەرسىلىرىنى ۋە ياغاچ ئەسۋابلىرىنى پاكلىسۇن. 21 روھانىي ئەلئازار جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلغان قانۇندۇر: 22 ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق 23 ئوتقا چىداملىق نەرسىلەر ئوت بىلەن پاكلانسۇن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. ئوتتا كۆيىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. 24 يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن پاكلىنىسىلەر. ئاندىن قارارگاھقا قايتساڭلار بولىدۇ. 25 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 26 _ سەن، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئەسىرلەرنىڭ ۋە ئولجا ئېلىنغان چارۋا ماللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىڭلار. 27 ئاندىن بۇلارنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر قىسمىنى جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە، يەنە بىر قىسمىنى خەلققە تەقسىملەپ بېرىڭلار. 28 لەشكەرلەرگە بۆلۈنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ بەش يۈزدىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، 29 روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. 30 خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار. 31 مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلدى. 32 جەڭدە لەشكەرلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە 675,000 قوي، 33 72,000 كالا، 34 61,000 ئېشەك، 35 32,000 ئىپپەتلىك قىز بار ئىدى. 36 جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە بۇ ئولجىلاردىن تۆۋەندىكىلەر تەقسىم قىلىندى: 337,500 قوي، 37 بۇلاردىن 675 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 38 36,000 كالا، بۇلاردىن 72 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 39 30,500 ئېشەك، بۇلاردىن 61 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 40 16,000 ئىپپەتلىك قىز، بۇلاردىن 32 نەپىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالدى. 41 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئولجىلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قىسمىنى روھانىي ئەلئازارغا بەردى. 42 مۇسا جەڭدىن ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئىسرائىل خەلقىگە تېگىشلىك بولغان قىسمىنى ئۇلارغا بەردى. 43 بۇلار 337,500 قوي، 44 36,000 كالا، 45 30,500 ئېشەك، 46 16,000 ئىپپەتلىك قىز ئىدى. 47 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە خەلقنىڭ ئولجىلىرىدىن چىقىرىۋېلىنغان ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بەردى. 48 قوشۇننىڭ لەشكەر باشلىرى قول ئاستىمىزدىكى لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئالدۇق. بىرمۇ لەشكەر چىقىم بولماپتۇ. 50 ئەمدى بىز ھەربىرىمىز ئولجا ئالغان ئالتۇن بۇيۇملار، بىلەكنىڭ تۆۋىنى ۋە يۇقىرىسىغا تاقايدىغان بىلەزۈكلەر، مۆھۈرلۈك ئۈزۈك، ھالقا، زەنجىر قاتارلىقلارنى گۇناھىمىزنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلماقچى، _ دېدى. 51 مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئۇلار ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى تاپشۇرۇپ ئالدى. 52 مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازارغا تاپشۇرغان ئالتۇنلار 200 كىلو ئىدى. 53 لەشكەرلەر ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئولجىلىرىنى ساقلاپ قالدى. 54 ئىسرائىل خەلقىنى پەرۋەردىگارىمىز دائىم ئېسىدە تۇتۇشى ئۈچۈن مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار، مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار ھەدىيە قىلغان ئالتۇنلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti