چۆلدە 30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقەسەم قىلىش توغرىسىدىكى نىزاملار 1 مۇسا ئىسرائىل قەبىلە باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئەمرلىرىدۇر: 2 «بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرسۇن. 3 بىر قىز بالا تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، 4 ئاتىسى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. 5 ئەگەر ئاتىسى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ، چۈنكى ئاتىسى قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىگە قارشى تۇردى. 6 ئەگەر نىكاھلانمىغان بىر قىز ۋەدە قىلىپ ياكى ئويلىماستىن مەلۇم بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، نىكاھلانغاندىن كېيىن، 7 ئېرى بۇنى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. 8 ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. شۇندىلا پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ. 9 لېكىن تۇل ئايال ياكى ئەردىن ئاجراشقان ئايال قىلغان ھەرقانداق ۋەدىسى ياكى قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك. 10 ئەگەر نىكاھلانغان ئايال ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، 11 ئېرى ئاڭلاپ، ئۈندىمىسە، قارشى تۇرمىسا، ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. 12 ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلغاندۇر. پەرۋەردىگار ئايالنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ. 13 ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قىلغان قەسىمىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىناۋەتسىز قىلىش ھوقۇقى بار. 14 لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. ئېرى ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. 15 ئەگەر ئېرى دەل ئاشۇ كۈنى ئېتىراپ قىلىپ، كېيىن يېنىۋالسا، ئېرى ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.» 16 يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان ئەر بىلەن ئايال، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك نىزاملاردۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti