Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


لاۋىيلارنىڭ روھانىيلارغا خىزمەت قىلىشى

1 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ھارۇن ۋە مۇسانىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

2 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغۇل ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار.

3 ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى.

4 لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ خۇداغا بويسۇنماي، سىناي چۆلىدە ئۇچرىشىش چېدىرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆلدى، ئۇلاردىن پەرزەنت قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا روھانىيلىق قىلاتتى.

5 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

6 _ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن.

7 لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن.

8 ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن.

9 سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن.

10 سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.

11 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:

12-13 _ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


لاۋىيلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى

14 پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى:

15 _ لاۋىيلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئەرلىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالغىن.

16 مۇسا ئۇلارنى رويخەتكە ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.

17 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى.

18 گېرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى.

19 قوھاتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.

20 مىرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئىدى.

21 گېرشونلاردىن لىبنى ۋە شىمئىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ،

22 ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 7500 ئادەم ئىدى.

23 گېرشون جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينىگە، يەنى كۈنپېتىش تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى.

24 ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى لائېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئىدى.

25 ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارغا، چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە،

26 ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلارغا، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە ۋە ئۇنىڭ تانىلىرىغا ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.

27 قوھاتلاردىن ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلدىن ئىبارەت تۆت جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ،

28 بۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 8600 ئادەم ئىدى. قوھات جەمەتى مۇقەددەس جابدۇقلارغا مەسئۇل ئىدى.

29 بۇ جەمەت ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى جەنۇب تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى.

30 ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئۇززىئېلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى.

31 ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.

32 روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار لاۋىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ، مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.

33 مىرارىلاردىن ماخلى ۋە مۇشىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ،

34 ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6200 ئادەم ئىدى.

35 مىرارى جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئابىخايىلنىڭ ئوغلى زۇرىئېل ئىدى.

36-37 ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سايمانلارغا، شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرىغا ھەمدە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.

38 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى.

39 مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن جەمەتلەر بويىچە بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلاردىن تارتىپ رويخەتكە ئالغان لاۋىي ئەرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 22,000 ئادەم ئىدى.


تۇنجى ئوغۇللارنىڭ پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق بولۇشى

40 ‏ پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئەركەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالغىن.

41 لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن.

42-43 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئوغۇللىرىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي 22,273 ئادەم بولدى.

44 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

45 _ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!

46 ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ سانى لاۋىيلارنىڭ سانىدىن 273 ئادەم ئارتۇق، شۇڭا ئارتۇقىغا تۆلەم تۆلىشىڭلار كېرەك.

47 ھەربىر كىشىگە بەش كۈمۈش تەڭگە تۆلىگىن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ.

48 ئارتۇقىغا تۆلەنگەن بۇ كۈمۈشلەرنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرگىن، _ دېدى.

49-50 مۇسا لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئۈچۈن مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي 16 كىلو 380 گىرام كۈمۈشنى

51 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan