Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇسانىڭ تاشتىن سۇ چىقىرىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەنلىكى

1 ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.

2 ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئالدىغا توپلاشتى.

3 ئۇلار مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشتى: _ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن!

4 سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى بۇ چۆلگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ بىزنى ۋە ماللىرىمىزنى بۇ چۆلدە ئۆلسۇن دېگەنمىدىڭلار؟

5 نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ ھالاكەتلىك يەرگە ئېلىپ كەلدىڭلار؟ بۇ جايدا نە ئاشلىق، نە ئەنجۈر دەرىخى، نە ئۈزۈم تېلى، نە ئانار دەرىخى بولسۇن، ھەتتا ئىچىدىغانغا سۇمۇ يوق!

6 مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارغا زاھىر بولدى.

7 پەرۋەردىگار مۇساغا:

8 _ تايىقىنى ئالغىن ۋە ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغقىن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەردىكى تاشقا سۆزلىگىن، ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ. سەن تاشتىن سۇ چىقارغاندىن كېيىن، جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى ئۇ سۇنى ئىچىدۇ، _ دېدى.

9 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىن تايىقىنى ئالدى.

10 ئۇ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى. مۇسا ئۇلارغا: _ ئەي ئىسيانچىلار، ئەجەبا سىلەرگە قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ _ دېدى.

11 ئاندىن مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاياق بىلەن تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇدىن ئىچىشتى.

12 لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ سىلەرنى ماڭا يېتەرلىك ئىشەنمىگىنىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىغىنىڭلار سەۋەبىدىن، سىلەر جامائەتنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايسىلەر، _ دېدى.

13 بۇ يەر «مىرىبا سۈيى» [مەنىسى «جېدەل سۈيى»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ يەردە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار بىلەن جېدەللەشكەنىدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇلارغا نامايان قىلغانىدى.


ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئىسرائىللارغا يول بەرمەسلىكى

14 مۇسا كادېشتىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى: «بۇ قېرىنداش ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى: ‹بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەردىن خەۋەردارسىز.

15 بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا بېرىپ نۇرغۇن يىللار ياشىغانىدى. مىسىرلىقلار بىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا زۇلۇم سالدى.

16 لېكىن بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق. ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز كادېشتا، سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگراسىدا تۇرۇۋاتىمىز.

17 بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا رۇخسەت || قىلغايسىز | قىلسىڭىز ||. بىز ئېتىزلىقىڭىزدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىڭىزدىن ئۆتمەيمىز ياكى قۇدۇقىڭىزدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز زېمىنىڭىزدىن ئۆتكۈچە خانلىق يولدا ماڭىمىز، يولدىن چەتنەپ كەتمەيمىز.›»

18 لېكىن ئىدوم پادىشاھى جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سىلەر مېنىڭ زېمىنىمدىن ئۆتسەڭلار بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قىلىچىمىزنى سىلەرگە قارىتىپ، ھۇجۇمغا ئۆتىمىز.

19 ئىسرائىللار: _ بىز پەقەتلا چوڭ يولدا ماڭىمىز. ئەگەر سۈيۈڭلارنى بىز ياكى چارۋىلىرىمىز ئىچسە، ھەققىنى تۆلەيمىز. بىز پەقەت پىيادە مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىشنىلا سورايمىز، _ دېدى.

20 ئىدوم پادىشاھى: _ سىلەر ئۆتمەيسىلەر، _ دېدى. ئاندىن ئىدوم پادىشاھى ئۇلارغا قارشى زور، كۈچلۈك قوشۇن بىلەن ئاتلاندى.

21 ئىدوم پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئايلىنىپ باشقا يول بىلەن ماڭدى.


ھارۇننىڭ ۋاپات بولۇشى

22 ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن جامائىتى كادېشتىن چىقىپ ھور تېغىغا كەلدى.

23 ئىدوم چېگراسىدىكى ھور تېغىدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

24 _ ھارۇننىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىڭلار «مىرىبا سۈيى»دە مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى چىقتىڭلار.

25 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى ھور تېغىغا ئېلىپ چىققىن.

26 ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈرگىن. شۇ جايدا ھارۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.

27 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار پۈتۈن جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى.

28 مۇسا ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈردى. ئاندىن ھارۇن شۇ تاغ ئۈستىدە قازا قىلدى. كېيىن مۇسا بىلەن ئەلئازار تاغدىن قايتىپ چۈشتى.

29 پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھارۇننىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ھازا تۇتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan