Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلىنىشى

1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2 _ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ھەربىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بىردىن تاياق تەييارلىسۇن، جەمئىي ئون ئىككى تاياق بولسۇن. تاياقلارغا ئۆز قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمى يېزىلسۇن.

3 لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. ھەربىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن.

4 ئۇلارنى سەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى مەن پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغىن.

5 كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن.

6 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تاياقلىرىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھارۇننىڭ تايىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. جەمئىي ئون ئىككى تاياق ئىدى.

7 مۇسا تاياقلارنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى.

8 ئەتىسى مۇسا ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەھدە چېدىرىغا كىرىپ، لاۋىيلارغا تەۋە ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلاپلا قالماي بەلكى غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ ھەم باداملىغانلىقىنى كۆردى.

9 مۇسا ھەممە تاياقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، ھەركىم ئۆز تايىقىنى ئېلىشتى.

10 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ھارۇننىڭ تايىقىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قايتا ئاپىرىپ قويغىن. ئۇ قارشى تۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردە ساقلانسۇن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى شىكايەتلىرى توختىسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلمەيدۇ، _ دېدى.

11 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.

12 ئىسرائىل خەلقى مۇساغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق! بىز تۈگەشتۇق، ھەممىمىز تۈگەشتۇق!

13 پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق بىرى ئۆلمەي قالمىدى، ئەمدى بىزمۇ ئۆلەرمىزمۇ؟ _ دېيىشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan