Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ ئاسىيلىقى

1 لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، قوھاتنىڭ نەۋرىسى، يىزھارنىڭ ئوغلى بولغان كوراھ رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ھەم ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئونلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ،

2 مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن 250 ئادەم ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەتتىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى.

3 ئۇلار بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئېشىپ كەتتىڭلار! ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەربىر ئادىمى پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر، پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەنمۇ بىللىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىدىن ئۈستۈن قىلىۋالىسىلەر؟ _ دېيىشتى.

4 مۇسا بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، بېشىنى يەرگە قويدى،

5 ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە: _ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.

6 كوراھ، سەن شېرىكلىرىڭ بىلەن مۇنداق قىلغىن: ھەربىرىڭلار ئىسرىقدان ئېلىپ كېلىپ،

7 ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا چوغ سېلىپ، ئىسرىق سېلىڭلار. پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا شۇ ئۇنىڭغا ئاتالغان بولىدۇ. سىلەر لاۋىيلار ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! _ دېدى.

8 مۇسا يەنە كوراھقا مۇنداق دېدى: _ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار!

9 ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، سىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى، پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟

10 ئەي كوراھ، پەرۋەردىگار سېنى ۋە باشقا لاۋىيلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ كەلدى. لېكىن سىلەر ئەمدى روھانىيلىقنىمۇ تالاشماقچىمۇ؟

11 سەن ۋە سېنىڭ شېرىكلىرىڭنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرغىنى ھارۇن بولماستىن ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردۇر!

12 مۇسا ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامنى چاقىرتتى. لېكىن ئۇلار: _ بىز بارمايمىز!

13 سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىن ئېلىپ چىقىپ مۇشۇ چۆلدە ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ ئەجەبا، بۇ يەتمەمدۇ؟ ھازىر سەن يەنە ئۆزۈڭنى پادىشاھتەك كۆرۈپ بىزنى باشقۇرماقچىمۇ؟

14 يەنە كېلىپ سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ كىرمىدىڭ ياكى ۋەدە قىلغىنىڭدەك ئېكىنزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقمۇ بەرمىدىڭ. سەن كۆزلىرىمىزنى باغلاپ، بىزنى يەنە داۋاملىق ئالدىماقچىمۇ؟ ياق! بىز بارمايمىز! _ دېدى.

15 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: _ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغىن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزمىدىم، _ دېدى.

16 شۇنىڭ بىلەن مۇسا كوراھقا يەنە: _ ئەتە سەن بارلىق شېرىكلىرىڭ ۋە ھارۇن بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىڭلار.

17 ھەركىم ئۆز ئىسرىقدانلىرىدا ئىسرىق سالسۇن. جەمئىي 250 ئىسرىقدان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلسۇن. سەن ۋە ھارۇن ئۆز ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

18 شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆز ئىسرىقدىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوغ ۋە ئىسرىق تولدۇرۇپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىللە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى.

19 كوراھ بارلىق جامائەتنى يىغىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى.

20 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا:

21 _ سىلەر جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.

22 لېكىن مۇسا بىلەن ھارۇن ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ، نالە قىلدى: _ ئى خۇدا، ئىنسانلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا، بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن پۈتۈن جامائەتكە غەزەپلىنەمسەن؟

23 پەرۋەردىگار مۇساغا:

24 _ جامائەتكە ئېيتقىن، ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرسۇن! _ دېدى.

25 مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ يېنىغا باردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

26 ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى.

27 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراقلاشتى. داتان بىلەن ئابىرام ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى ۋە كىچىك بالىلىرى بىلەن بىرگە چىقىپ، ئىشىكلىرى ئالدىدا تۇرۇشتى.

28 مۇسا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ مەن قىلغان بارلىق ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىۋاتقانلىقىمنى، شەخسىي غەرىزىمنىڭ يوقلۇقىنى تېزلا بىلىپ قالىسىلەر.

29 ئەگەر بۇ كىشىلەر ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلسە، ياكى ئۇلارنىڭ دۇچار بولغىنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولىدۇ.

30 ئەگەر پەرۋەردىگار بۇرۇن قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ، يەرنى يېرىپ، ئۇلارنى بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە يەر ئاستىغا، يەنى گۆرگە تىرىكلا ئېلىپ كىرىپ كەتسە، بۇنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىدىن بولغان، دەپ بىلىڭلار.

31 مۇسا سۆزلىرىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغىلا، ئۇلار دەسسەپ تۇرغان يەر يېرىلىپ،

32 كوراھنىڭ شېرىكلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى بىراقلا يالماپ كەتتى.

33 ئۇلار يەر ئاستىغا ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە تىرىكلا چۈشۈپ كەتتى. يەر ئەسلىگە قايتقاندا، ئۇلار ئاللىقاچان جامائەت ئارىسىدىن غايىب بولغانىدى.

34 ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.

35 پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.

36 پەرۋەردىگار مۇساغا:

37 _ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا ئېيتقىن، ئۇ ئىسرىقدانلارنى قالدۇق ئوتنىڭ ئىچىدىن ئېلىۋالسۇن. چۈنكى ئىسرىقدانلار مۇقەددەستۇر. چوغلارنى يىراقراق جايغا چېچىۋەتسۇن.

38 گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولغانلارنىڭ ئىسرىقدانلىرىنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلىسۇن، چۈنكى ئىسرىقدانلاردا مەن پەرۋەردىگارغا ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەن. ئۇلار مۇقەددەستۇر. ئۇلار ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولسۇن، _ دېدى.

39 شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئەلئازار تۇچ ئىسرىقدانلارنى كۆيۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ يېنىدىن يىغىۋالدى ھەمدە ئۇلارنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلاتتى.

40 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.

41 لېكىن ئىككىنچى كۈنىلا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار! _ دېدى.

42 خەلق مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلىۋاتقاندا، ئۇلار بىردىنلا ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇتنىڭ ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈشتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى نامايان بولغانىدى.

43 مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرى ئالدىغا كەلدى.

44 پەرۋەردىگار مۇساغا:

45 _ بۇ جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن ئۇلارنى بىراقلا ھالاك قىلىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى.

46 مۇسا ھارۇنغا: _ ئىسرىقدىنىڭنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرىق قويغىن. قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ سالغىن، ئاندىن تېزلىكتە جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلغىن. پەرۋەردىگار قەھر-غەزەپكە كەلدى، ۋابا باشلىنىدىغان بولدى، _ دېدى.

47 ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئىسرىقداننى ئېلىپ جامائەت ئارىسىغا يۈگۈرۈپ باردى. كىشىلەر ئارىسىدا ئاللىقاچان ۋابا تارقىلىشقا باشلىغانىدى. ھارۇن ئىسرىق سېلىپ جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىپ،

48 ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ۋابا توختىدى.

49 لېكىن شۇ كۈنىلا كوراھ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەردىن باشقا 14,700 ئادەم ۋابا بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى.

50 ۋابا توختىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا كەلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan