چۆلدە 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقوشۇمچە ھەدىيەلەر 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، 3 ماڭا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەر سۇنغاندا، مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن، قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى ھېيتلىرىڭلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق بولسۇن، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار. 4 قوي قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن 5 ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب سۇنسۇن. 6 قوچقار قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر يېرىم لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن 7 ۋە بىر يېرىم لىتىر شارابنى ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. 8 قىلغان قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇش ئۈچۈن بىر بۇقىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قىلغاندا، 9 بۇقىغا قوشۇپ، ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا ئىككى لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن 10 ۋە ئىككى لىتىر شاراب بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. 11 بۇقا، قوچقار، قوي ياكى ئۆچكە قۇربانلىق قىلغاندا، 12 قۇربانلىق قىلىنغان چارۋا مالنىڭ تۈرى ۋە سانىنىڭ نىسبىتى بويىچە قوشۇمچە ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن. 13 ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان ھەربىر ئادەم مەن پەرۋەردىگارغا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق كۆيدۈرگەندە، مانا مۇشۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. 14 ئاراڭلاردا ياشاپ كەلگەن ياكى ۋاقتىنچە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. 15 ئىسرائىللار ۋە ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمە ئوخشاشتۇر. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. يات خەلقلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر. 16 ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگىمۇ بۇ قانۇن ۋە قائىدە ئوخشاشتۇر.» تۇنجى دانلىق زىرائەت ھەدىيەسى 17 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 18 _ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارماقچى بولغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، 19 ئۇ زېمىننىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىنىڭلاردا، بىر قىسمىنى ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. 20 دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتنىڭ ئۇنىدىن توقاچ پىشۇرۇپ، خاماندىن كەلگەن ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. 21 دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتتىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار. بۇ قائىدىلەرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇڭلار.» بىخەستەلىكتىن قىلىنغان گۇناھلارنىڭ قۇربانلىقلىرى 22-23 «ئەگەر سىلەر ھازىر ياكى كەلگۈسىدە مەن پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەمرلەرنى بىلمەي، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ سالساڭلار 24 ۋە بۇنى جامائەت بىلمەي، بىخەستەلىكتىن قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن جامائەت بىر بۇقىنى ئېلىپ كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قائىدە بويىچە ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنسۇن ۋە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنسۇن. 25 شۇنداق قىلىپ، روھانىيلار پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ، ئۇلار كەچۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ گۇناھ بىلمەسلىكتىن بولغان ھەمدە ئۇلار ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۇنغان. 26 پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان يات خەلقلەرمۇ كەچۈرۈلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىخەستەلىكتىن خاتالىق ئۆتكۈزگەن. 27 ئەگەر بىرەر كىشى بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلسۇن. 28 روھانىيلار بىخەستەلىكتىن گۇناھ قىلغان كىشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈلىدۇ. 29 مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇ يەردە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلسۇن. 30 ئەمما كىمدەكىم بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گۇناھ سادىر قىلسا، مەيلى ئۇ ئىسرائىل خەلقىدىن بولسۇن ياكى يات خەلقلەردىن بولسۇن، پەرۋەردىگارغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 31 ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى كەمسىتىپ، مېنىڭ ئەمرىمگە قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.» دەم ئېلىش كۈنىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ جازاسى 32 ئىسرائىللار چۆلدىكى ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. 33 ئۇنىڭ ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان كىشىلەر ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. 34 بىراق ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇنى نەزەربەندكە ئالدى. 35 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت ئۇنى قارارگاھ سىرتىدا چالما-كېسەك قىلسۇن، _ دېدى. 36 شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەت ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. كىيىمگە چۇچا ئېسىپ يۈرۈش ھەققىدە 37 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 38 _ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە كىيىمىڭلارنىڭ ئېتىكىگە چۇچا ئېسىڭلار. ھەربىر چۇچىغا بىر تال كۆك يىپ تىكىلسۇن. 39 ھەر قېتىم بۇ چۇچىلارنى كۆرگىنىڭلاردا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى يادىڭلارغا سالىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىلەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنىڭ كەينىگە كىرمەيسىلەر، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلمايسىلەر. 40 شۇنداق قىلىپ سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلىسىلەر ۋە مەن خۇدايىڭلارغا ئاتالغان بولىسىلەر. 41 مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti