Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خەلقنىڭ يۈز ئۆرۈشى

1 ئۇ كېچە پۈتۈن جامائەت زارلىنىپ ۋارقىراشتى ۋە قاتتىق يىغلاشتى.

2 ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇندىن ئاغرىنىپ، ئۇلارغا: _ مىسىردا ئۆلگەن بولساق، ياكى مۇشۇ چۆلدە ئۆلگەن بولساق ئوبدان بولار ئىكەندۇق.

3 پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇ زېمىنغا باشلاپ كېلىپ، قىلىچ ئاستىدا يىقىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ ئەمدىلىكتە خوتۇن-بالىلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كۆرە مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.

4 ئاندىن بىر-بىرىگە: _ بىز بىر باشلامچى تاللاپ، مىسىرغا قايتايلى، _ دېيىشتى.

5 مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇ يەرگە يىغىلغان پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى.

6 كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا بارغانلاردىن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب كىيىملىرىنى يىرتىشىپ،

7 پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە: _ بىز كېزىپ كۆرۈپ كەلگەن ئۇ زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن.

8 ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن خۇرسەن بولسا، بىزنى ئۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ ھەمدە ئاشۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىدۇ.

9 پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ پاناھى يوق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزگە يار بولىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى.

10 ئەمما يىغىلغان پۈتۈن جامائەت: «ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلايلى» دېيىشتى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نامايان بولدى.


مۇسانىڭ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلىشى

11 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشىلەر مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ مەن ئۇلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قاچانغىچە ماڭا ئىشەنمەيدۇ؟

12 ئەمدى مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن يىقىتىمەن، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن، _ دېدى.

13 مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتسەڭ، مىسىرلىقلار بۇ ئىشتىن چوقۇم خەۋەر تاپىدۇ! ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ.

14 ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان.

15 ئەگەر سەن بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ھالاك قىلىۋەتسەڭ، سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭدىن خەۋەردار بولغان ئەللەر چوقۇم:

16 «پەرۋەردىگار ئۇ خەلقنى ئاشۇ زېمىنغا ئېلىپ كىرىشكە ۋەدە قىلغان، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربىتى يەتمەپتۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى چۆلدە قىرغىن قىلىپتۇ» دەيدۇ.

17 ئى ئىگەم، ئەمدى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن. خۇددى ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك،

18 سەن پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىزدۇر، گۇناھ ۋە ئاسىيلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىسەن. لېكىن سەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايسەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايسەن.

19 سەن مىسىردىن چىققاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۆز خەلقىڭنى كەچۈرگىنىڭگە ئوخشاش، ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن.

20 پەرۋەردىگار بۇنىڭغا جاۋابەن: _ ئۆتۈنۈشۈڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى كەچۈردۈم.

21 شۇنداقتىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن ۋە پۈتۈن يەر-زېمىنغا تولىدىغان ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن شۇنى قەسەم قىلىمەنكى،

22 مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق

23 مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. مېنى مەنسىتمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇ يەرنى كۆرەلمەيدۇ.

24 لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

25 لېكىن ھازىر ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردىكى جىلغىلاردا تۇرىدۇ. شۇڭا سىلەر ئەتە ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار، _ دېدى.


پەرۋەردىگارنىڭ خەلقنى جازالىشى

26 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:

27 _ بۇ رەزىل خەلق قاچانغىچە ماڭا نارازىلىق قىلىدۇ؟ مەن ئىسرائىللارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.

28 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئالدىمدا ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرىڭلارغا بىنائەن مەن بېشىڭلارغا شۇنداق بالا-قازا چۈشۈرەيكى،

29 جەسىتىڭلار مۇشۇ چۆلدە قالسۇن. سەپەردە ماڭا نارازىلىق بىلدۈرگەن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىرىڭلار ئەنە شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولىسىلەر.

30 مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.

31 سىلەر ‹بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدۇ› دېگەن بالىلىرىڭلارنى، سىلەر بېرىشنى رەت قىلغان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىپ ھۇزۇرلاندۇرىمەن.

32 لېكىن سىلەرنىڭ جەسىتىڭلار چۆلدە قالىدۇ.

33 پەرزەنتلىرىڭلار چۆلدە قىرىق يىل مۇساپىر بولۇپ، سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن تاكى سىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشايدۇ.

34 بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەربىر يىلى سىلەرنىڭ ئۇ زېمىننى چارلاپ كەزگەن قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئەمدى ئۆز گۇناھىڭلار ئۈچۈن قىرىق يىل ئازاب تارتىسىلەر ۋە مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرسام، ئاقىۋىتىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.

35 مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مۇشۇ چۆلدە بىرلىشىپ ماڭا قارشى تۇرغان بۇ پۈتۈن رەزىل خەلققە ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇلار بۇ چۆلدە ئۆز ئاخىرىتىنى كۆرىدۇ، بۇ جايدا ئۆلىدۇ».

36 مۇسا كەنئاننى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر قايتىپ كېلىپ، شۇ زېمىن ھەققىدە يامان مەلۇماتلارنى تارقاتتى. نەتىجىدە ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ مۇساغا قارشى شىكايەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

37 شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ ئادەملەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

38 چارلاشقا بارغانلاردىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبلا ئامان قالدى.

39 مۇسا بۇ ئىشلارنى ئىسرائىللارغا خەۋەر قىلغاندا، ئىسرائىل خەلقى قاتتىق قايغۇرۇشتى.

40 ئەتىسى سەھەردە ئۇلار تاغلىق رايونلارغا چىقىشقا تەييارلىنىپ، «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز» دېيىشتى.

41 لېكىن مۇسا ئۇلارغا: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيسىلەر.

42 ئۇ يەرگە بارماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە يار ئەمەس، سىلەر دۈشمىنىڭلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىسىلەر.

43 ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردە سىلەرگە قارشى چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلىسىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولمايدۇ، _ دېدى.

44 شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلۈكىدىن تاغلىق رايونلارغا چىقىپ كېتىشتى. لېكىن مۇسا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قارارگاھتا قالدى.

45 تاغلاردا ياشايدىغان ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار تاغلاردىن چۈشۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى خورماھقا بارغۇچە قوغلاپ زەربە بەردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan