Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مەريەم بىلەن ھارۇننىڭ مۇساغا قارشى سۆزلىشى

1 مۇسا كۇشتىن كەلگەن ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەريەم بىلەن ھارۇن ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتى.

2 ئۇلار: _ پەرۋەردىگار يالغۇز مۇسا ئارقىلىقلا سۆزلەرمۇ؟! ئەجەبا، ئۇ بىز ئارقىلىقمۇ سۆز قىلماسمۇ؟ _ دېيىشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.

3 (مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.)

4 بىردىنلا پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەمگە: _ ئۈچۈڭلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىلىسى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىشتى.

5 پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا تۇردى ۋە ھارۇن بىلەن مەريەمنى چاقىردى. ئۇلار ئالدىغا مېڭىشىغا،

6 پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن.

7 لېكىن خىزمەتكارىم مۇساغا باشقىچە سۆزلەيمەن، ئۇ پۈتۈن خەلقىم ئارىسىدا ھەممىدىن سادىقتۇر.

8 مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟

9 پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاچچىقلىنىپ، كېتىپ قالدى.

10 بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمگە تېرە كېسىلى چىققانلىقىنى كۆردى.

11 ئۇ مۇساغا يالۋۇرۇپ: _ ئەي ھەزرىتىم، بىز ئەخمەقلىق قىلىپ گۇناھ قىلدۇق، گۇناھىمىزدىن كېچىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.

12 مەريەم ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلغان، يېرىمى چىرىپ كەتكەن ھامىلىگە ئوخشاپ قالمىسۇن! _ دېدى.

13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى خۇدا، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگەيسەن! _ دېدى.

14 پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: _ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە شەرمەندە بولماسمىدى؟! ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.

15 شۇنىڭ بىلەن مەريەم قارارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇردى. تاكى ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگۈچە، خالايىق ھېچ يەرگە كۆچمىدى.

16 كېيىن خەلق خازېروتتىن قوزغىلىپ، پاران چۆلىگە كېلىپ قارارگاھ تىكتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan