Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

چۆلدە 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى

1 خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

2 خەلق مۇساغا يالۋۇرۇۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. ئاندىن ئوت ئۆچتى.

3 پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئوت چاچقاچقا، ئۇ يەر تابئېرا [مەنىسى «كۆيگەن يەر»] دەپ ئاتالدى.


خەلقنىڭ گۆش تەلەپ قىلىشى

4 ئىسرائىللار بىلەن سەپەرداش بولغان بەزى يات قوۋمدىكى جېدەلخور ئادەملەرنىڭ نەپسى گۆش سېغىنىپ كەتكەنىدى. ئىسرائىللار يەنە زارلىنىپ: _ ئەگەر گۆش بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى!

5 مىسىردىكى چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بار، ئۇ ۋاقىتتا بىكارلىق بېلىقنى خالىغانچە يەيتتۇق. تەرخەمەك، تاۋۇز، غولپىياز، پىياز ۋە سامساقمۇ بار ئىدى.

6 ئەمدى ئىشتىھايىمىز تۇتۇلۇپ كەتتى. ھەر كۈنى ماننادىن باشقا يەيدىغان ھېچ نەرسە يوق! _ دەپ نارازى بولۇشتى.

7 (ماننانىڭ شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، سارغۇچ رەڭدە ئىدى.

8-9 ھەر كۈنى سەھەردە شەبنەم چۈشكەندە ئۇمۇ چۈشەتتى. ئەتىگەنلىكى، ھەممەيلەن ماننا تېرىپ كېلىپ، يارغۇنچاق ياكى ھاۋانچا ئارقىلىق ئۇن قىلىپ، ئۇنى قازان قاتلىمىسى قىلىپ يەيتتى. ئۇنىڭ تەمى زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان قاتلىمىغا ئوخشايتتى.)

10 كۆپچىلىك چېدىرلىرىدىن چىقىپ، ھەركىم ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ، زارلىنىشاتتى. مۇسا بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار خەلققە بەكمۇ غەزەپلەنگەنىدى، مۇسامۇ خاپا بولدى.

11 مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ خىزمەتكارىڭ بولغان مېنى نېمىشقا بۇنچە قىينايسەن؟ سېنى رەنجىتكۈدەك بىرەر ئىش قىلدىممۇ؟ نېمىشقا بۇ خەلقنىڭ ئېغىرىنى مېنىڭ يەلكەمگە يۈكلىدىڭ؟

12 ئۇلار مېنىڭ پەرزەنتلىرىممىدى؟ ئۇلارنى مەن ئاپىرىدە قىلغانمىدىم؟ سەن نېمىشقا مەندىن، ئۇلارنى خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش ئاسراپ، ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا قوغداپ ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ؟

13 ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا يىغلاپ: «گۆش تېپىپ بەرگىن!» دەپ يالۋۇرىدۇ. مەن شۇنچە خەلققە گۆشنى نەدىن تېپىپ بېرەلەيمەن؟

14 بۇ خەلقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. مەن بۇنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمىغۇدەكمەن.

15 سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانىكەنسەن، ماڭا رەھىم قىلىپ، دەرھال جېنىمنى ئال، مەن بۇ جاپانى قايتا تارتماي!


مۇسانىڭ ياردەمچى تەيىنلىشى

16 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن.

17 مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ.

18 سەن خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئەتە گۆش يېيىش ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار. سىلەرنىڭ ‹كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ مىسىردا پاراۋان ياشىغانىدۇق!› دەپ ۋايساشلىرىڭلار مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە گۆش بېرىمەن، ئۇنى چوقۇم يەيسىلەر.

19 بىر-ئىككى كۈن ئەمەس، ياكى بەش-ئون كۈن، ھەتتا يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس،

20 پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»

21 مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ مېنىڭ ئەتراپىمدىكى خەلقنىڭ ئەرلىرى ئالتە يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. لېكىن سەن: «ئۇلارغا بىر ئاي يەتكۈدەك گۆش بېرىمەن» دېدىڭ.

22 ئۇلارنى تويدۇرۇشقا يەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ قوي، كالىلارنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ ئۇلارغا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەتمەسمىكىن؟! _ دېدى.

23 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم شۇنچىلىك چەكلىك دەپ ئويلامسەن؟ سەن سۆزلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا كۆرىسەن! _ دېدى.

24 شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى خالايىققا يەتكۈزدى. ئۇ كۆپچىلىك ئىچىدىن يەتمىش ئاقساقالنى تاللاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ چۆرىسىگە تۇرغۇزدى.

25 پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلەشتى ۋە مۇساغا ئاتا قىلىنغان روھتىن يەتمىش ئاقساقالغىمۇ ئاتا قىلدى. روھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلار ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھالدا زىكىر قىلغىلى تۇردى. لېكىن بۇنداق زىكىر قىلىش قايتا تەكرارلانمىدى.

26 ئاقساقاللار ئىچىدىكى ئەلداد ۋە مېداد ئىسىملىك ئىككى ئاقساقال ئۇچرىشىش چېدىرىغا بارماي قارارگاھلىرىدا قالغانىدى، ئۇ يەردە ئۇلارغىمۇ روھ چۈشتى. ئۇلارمۇ زىكىر قىلىشتى.

27 مەلۇم بىر يىگىت مۇسانىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەلداد بىلەن مېدادنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلدى.

28 بۇ چاغدا ياش ۋاقتىدىن بۇيان مۇسانىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مۇساغا: _ تەقسىر، ئۇلارنى توسۇۋالغايسىز؟ _ دېدى.

29 مۇسا ئۇنىڭغا: _ سەن مېنىڭ ئورنۇمدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھىنى پۈتۈن خەلققە ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشنى خالايتتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

30 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى قارارگاھلىرىغا قايتىپ كەتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ بۆدۈنە ياغدۇرۇشى

31 پەرۋەردىگار شامال چىقاردى ۋە شامال بىلەن تەڭ توپ-توپ بۆدۈنىلەرنى دېڭىز تەرەپتىن ئۇچۇرۇپ كەلدى. بۆدۈنىلەر بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان بولۇپ، قارارگاھنىڭ ھەممە تەرىپىنى بىر كۈنلۈك يول يىراقلىققىچە قاپلاپ كەتكەنىدى.

32 كىشىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋە كېچىسى بۆدۈنە تۇتقىلى كىرىشىپ كەتتى. ئەتىسىمۇ يەنە پۈتۈن بىر كۈن بۆدۈنە تۇتتى. ھەربىر ئادەم ئاز دېگەندە ئەللىك سېۋەتتىن تۇتۇشتى. ئۇلار بۆدۈنىلەرنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن چېدىرلارنىڭ ئەتراپىغا يېيىپ قويۇشتى.

33 كۆپچىلىك گۆشلىرىنى تېخى يەپ تۈگىتىپ بولالمىغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا غەزىپىنى ياغدۇرۇپ، ئەجەللىك ۋابا تارقاتتى.

34 بۇ يەرگە نەپسى يامانلار دەپنە قىلىنغاچقا، ئۇ يەر قىبروت-ھاتتائاۋا [مەنىسى «نەپسى يامانلارنىڭ قەبرىستانلىقى»] دەپ ئاتالدى.

35 ئىسرائىل خەلقى قىبروت-ھاتتائاۋادىن خازېروت دېگەن يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan