چۆلدە 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخەۋەر كانايلىرى 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ كۈمۈشتىن ئىككى كاناي ياساتقىن، كانايلار سوقۇپ ياسالسۇن. ئۇلارنى جامائەتنى يىغىش ۋە قارارگاھلارنى كۆچۈرۈشتە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئىشلەتكىن. 3 ئىككى كۈمۈش كاناي تەڭ چېلىنغاندا، پۈتۈن جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، سېنىڭ يېنىڭغا يىغىلسۇن. 4 ئەگەر بىر كاناي چېلىنسا، ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى بولغان ئاقساقاللار يىغىلسۇن. 5 ئەگەر قىسقا چېلىنسا، شەرق تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن. 6 ئىككىنچى قېتىم قىسقا چېلىنسا، جەنۇب تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن. كاناي چېدىرلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىسقا چېلىنسۇن. 7 جامائەتنى يىغىشقا توغرا كەلسە ئۇزۇن چېلىنسۇن، قىسقا چېلىنمىسۇن. 8 بۇ ئىككى كاناينى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار چالسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. 9 سىلەر زېمىنىڭلارغا باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، بۇ ئىككى كاناي بىلەن چاقىرىق قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قوغداپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن. 10 شاد-خۇراملىق كۈنلىرىڭلار، يەنى بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلار ۋە يېڭى ئاي بايراملىرىڭلاردا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنغاندا، بۇ كانايلارنى چېلىڭلار، مەن سىلەرنى ئەسلەيمەن، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئىسرائىللارنىڭ سەپەرگە چىقىشى 11 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇت كۆتۈرۈلدى. 12 ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى. 13 بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى. 14 ھەر قېتىم ئۇلار يولغا چىققاندا، ئالدى بىلەن يەھۇدا تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. يەھۇدا قەبىلىسىگە ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون يېتەكچىلىك قىلدى. 15 زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئىسساكار قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 16 خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب زەبۇلۇن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 17 ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. 18 ئۇنىڭ كەينىدىن رۇبېن تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. رۇبېن قەبىلىسىگە شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر يېتەكچىلىك قىلدى. 19 زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل شىمون قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 20 دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف گاد قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 21 ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى. 22 ئۇنىڭ كەينىدىن ئەفرايىم تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. ئەفرايىم قەبىلىسىگە ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما يېتەكچىلىك قىلدى. 23 پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ماناسسە قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 24 گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 25 ئەڭ ئاخىرىدا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولغان دان تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تۈزۈپ ماڭدى. دان قەبىلىسىگە ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر يېتەكچىلىك قىلدى. 26 ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئاشېر قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 27 ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا نافتالى قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 28 ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇغاندىن كېيىن، مانا شۇ تەرتىپ بويىچە سەپ تارتىپ ماڭدى. 29 مۇسا مىديانلاردىن بولغان قېيىنئاتىسى رىئۇئېلنىڭ ئوغلى خوبابقا: _ بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز. ئۇ ئىسرائىللارنى روناق تاپقۇزۇشقا ۋەدە قىلدى. شۇڭا بىز بىلەن بىللە ماڭغايسىز. بىز ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمىز، _ دېدى. 30 لېكىن خوباب: _ مەن بارمايمەن، ئۆز يۇرتۇمغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا كېتەي، _ دەپ جاۋاب بەردى. 31 مۇسا ئۇنىڭغا: _ بىزدىن ئايرىلمىغايسىز. سىز بۇ چۆلنى ياخشى بىلىسىز. بىزگە يول باشلىغۇچى بولۇپ، قەيەردە قارارگاھ قۇرساق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەيسىز. 32 ئەگەر سىز بىز بىلەن بىللە بارسىڭىز، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق سائادەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىسىز، _ دېدى. 33 ئىسرائىللار پەرۋەردىگار زاھىر بولغان سىناي تېغىدىن چىقىپ، ئۈچ كۈن يول ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، چېدىر تىكىدىغانغا جاي ئىزدىدى. 34 ئۇلار بىر قارارگاھتىن يەنە بىر قارارگاھقا كۆچكىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمىدى. 35 ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، قوزغالغايسەن! دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلغايسەن! سېنى يامان كۆرگۈچىلەر ئالدىڭدىن قېچىپ كەتسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى. 36 ئەھدە ساندۇقى ھەربىر توختىغاندا، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، تۈمەن مىڭلىغان ئىسرائىللار ئىچىگە قايتىپ كەلگەيسەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti