چۆلدە 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرائىللارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى 1 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى: 2-3 _ ھارۇن ئىككىڭلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئېلىڭلار ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان قوشۇنلىرى بويىچە رويخەتكە پۈتۈڭلار. 4 ھەر قەبىلىدىن بىر جەمەت باشلىقى سىلەرگە ياردەمدە بولسۇن. 5 تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: رۇبېن قەبىلىسىدىن شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر، 6 شىمون قەبىلىسىدىن زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل، 7 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون، 8 ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل، 9 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب، 10 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل، 11 بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان، 12 دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر، 13 ئاشېر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل، 14 گاد قەبىلىسىدىن دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف، 15 نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا. 16 بۇلار جامائەت ئارىسىدىن تاللانغانلار بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ھەم ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ئىدى. 17 مۇسا بىلەن ھارۇن تاللانغان بۇ ئەرلەرگە چاقىرىق قىلىپ، 18 شۇ كۈنى پۈتۈن جامائەتنى بىر يەرگە يىغدى ۋە پۈتكۈل خەلقنى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالدۇردى. يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدۇردى. 19 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، مۇسا سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى. 20-21 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن 46,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 22-23 شىمون قەبىلىسىدىن 59,300 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 24-25 گاد قەبىلىسىدىن 45,650 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 26-27 يەھۇدا قەبىلىسىدىن 74,600 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 28-29 ئىسساكار قەبىلىسىدىن 54,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 30-31 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 57,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 32-33 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 40,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 34-35 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن 32,200 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 36-37 بىنيامىن قەبىلىسىدىن 35,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 38-39 دان قەبىلىسىدىن 62,700 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 40-41 ئاشېر قەبىلىسىدىن 41,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 42-43 نافتالى قەبىلىسىدىن 53,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى. 44 يۇقىرىقىلار مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قەبىلىلىرى بويىچە رويخەتكە ئالغان ئادەملەرنىڭ سانىدۇر. 45 يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ياراملىق ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، 46 جەمئىي 603,550 ئادەم ئىدى. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئالاھىدە مەرتىۋىسى 47 لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر باشقا قەبىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە رويخەتكە ئېلىنمىدى. 48 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: 49 «لاۋىي قەبىلىسىنى باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرگە رويخەتكە ئالما. 50 ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. 51 ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. 52 قالغان بارلىق ئىسرائىللار ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ تۇغى ئاستىدا توپ-توپى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكسۇن. 53 لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.» 54 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti