نەخەمىيا 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخەلقنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشى 1 ئوخشاش ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى. 2 ئۇلار يات خەلقلەردىن ئايرىلىپ بولغانىدى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۆزلىرى ۋە ئەجدادلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارغا توۋا قىلىشتى. 3 ئۇلار بىر كۈننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدا پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قانۇنىنى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدى. ئاندىن يەنە تۆتتىن بىر قىسمىدا گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدى. 4 لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، قادمىئېل، شىبانيا، بۇننى، شېرېبىيا، بانى ۋە كىنانىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسالغان پەلەمپەيدە تۇرۇپ، پەرۋەردىگار خۇداغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلدى. 5 لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر! 6 سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسماننى، ھەتتا ئەرشئەلا ۋە پۈتۈن يۇلتۇزلارنى، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۈچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا ئىبادەت قىلىدۇ. 7 سەن ئىبرامنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئۇنى كالدانلارنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسمىنى ئىبراھىمغا ئۆزگەرتتىڭ. 8 ئۇ ساڭا ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار ۋە گىرگاشلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىمەن دەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدۈڭ. سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ. 9 سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭ. ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىڭ. 10 سەن پىرئەۋن، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر. 11 سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دېڭىزدىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى خۇددى تاشنى سۇغا غەرق قىلغاندەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ. 12 كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ. 13 سەن سىناي تېغىغا چۈشتۈڭ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلدىڭ ۋە ئۇلارغا ئادىل تۈزۈم، ھەق قانۇن ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈردۈڭ. 14 سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭگە بېغىشلانغان دەم ئېلىش كۈنىنى بىلدۈردۈڭ ھەمدە خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئېلان قىلدىڭ. 15 ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ. 16 لېكىن ئەجدادلىرىمىز تەكەببۇرلۇق ۋە بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلمىدى. 17 ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتماقچى بولدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولغاچقا، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ. 18 ھەتتا ئۇلار موزاينىڭ بۇتىنى ياساپ، ‹بۇ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ› دەپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى. 19 شۇنداقتىمۇ سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمىدىڭ. كۈندۈزى يول باشلىغان بۇلۇت تۈۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ. 20 سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن ياخشى روھىڭنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ماننانى ئۈزمىدىڭ ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ. 21 سەن ئۇلارنىڭ چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلىدا پۈتۈن ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭ، ئۇلار ھېچنېمىگە موھتاج بولمىدى، كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىلمىدى ۋە پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى. 22 سەن ئەجدادلىرىمىزغا پادىشاھلىقلارنى ۋە ئەللەرنى تاپشۇردۇڭ. خەلقىڭنى ئۇ زېمىنلارنىڭ يىراق چېگرالىرىغىچە ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ھەمدە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى. 23 سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ. 24 ئۇلار بېسىپ كىرىپ، ئۇ زېمىننى ئىشغال قىلدى. سەن ئۇلارغا كەنئان زېمىننىڭ ئاھالىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ. سەن ئۇ زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ۋە خەلقىنى ئۇلارنىڭ مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردۇڭ. 25 خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋىلىك باغلارغا ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىدى ۋە ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولدى. 26 لېكىن خەلقىڭ ساڭا بويسۇنمىدى. سەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى. 27 شۇڭا سەن ئۇلارنى زۇلۇم سالىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار ئازاب چېكىپ ساڭا ئىلتىجا قىلغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالدىڭ. سەن ئىنتايىن رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭ. 28 ئۇلار ئامانلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە سېنىڭ نەزىرىڭدىكى يامان ئىشلارنى قىلدى. سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار يەنە ساڭا ئىلتىجا قىلسا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالدىڭ. ئۇلارغا رەھىمىڭ كېلىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم قۇتۇلدۇردۇڭ. 29 سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، بەلگىلىمىلىرىڭگە رىئايە قىلمىدى. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار تەرسالىق بىلەن بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى. 30 سەن ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ. سەن پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق روھىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. 31 لېكىن سەن يەنىلا ناھايىتى رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىڭ ۋە تاشلىۋەتمىدىڭ. چۈنكى سەن شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرسەن! 32 ئەي پەرۋەردىگار، سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. سەن ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك خۇدايىمىزدۇرسەن. ئاسسۇر پادىشاھلىرى بىزگە زۇلۇم سالغاندىن بېرى پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ، يەنى پۈتۈن خەلقىڭنىڭ دۇچ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە سەل قارىمىغايسەن. 33 سەن بىزنى ھەق جازالىدىڭ. سەن ئىشەنچلىكسەن، لېكىن بىز رەزىللىك قىلدۇق. 34 پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قانۇنۇڭغا بويسۇنمىدى، ئەمر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. 35 ھەتتا ئۇلار ئۆز پادىشاھلىقىغا ئىگە بولغان ۋە سەن ئۇلارغا بېغىشلىغان بىپايان مۇنبەت تۇپراقتىكى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، سېنىڭ يولۇڭدا ماڭمىدى، رەزىللىكلىرىدىن قايتمىدى. 36 بىز ھازىر ئۆز زېمىنىمىزدا قۇل بولۇپ قالدۇق. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا بىز قۇل بولدۇق. 37 گۇناھىمىز ۋەجىدىن بۇ تۇپراقنىڭ مول مەھسۇلاتلىرى سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان پادىشاھلارغا مەنسۇپ بولدى. ئۇلار بىزنى ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خالىغىنىچە باشقۇرۇۋاتىدۇ. بىز جەبىر-زۇلۇم ئىچىدە قالدۇق!» جامائەتنىڭ ۋەدىنامە يېزىشى 38 يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ۋەجىدىن بىز ۋەدىنامە يازدۇق. ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە لاۋىيلار ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti