Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەخەمىيا 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، يېرۇسالېمدىكى سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا جەم بولدى. ئۇلار تەۋرات ئۇستازى ئەزرانى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان يازمىسىنى ئېلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.

2 شۇڭا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ئەزرا ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

3 ئۇ تاڭ سەھەردىن چۈشكىچە سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيداندا قانۇننى چۈشىنەلەيدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. بارلىق خەلق دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.

4 تەۋرات ئۇستازى ئەزرا بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ئېگىز ياغاچ مۇنبەردە تۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىن ماتتىتيا، شەما، ئانايا، ئۇرىيا، خىلقىيا، مائاسېيالار ۋە سول يېنىدىن پىدايا، مىشائېل، مالكىيا، خاشۇم، خاشباددانا، زىكىرىيا، مىشۇللاملار ئورۇن ئالدى.

5 ئەزرا مۇنبەردە تۇرغاندا، ھەممەيلەن ئۇنى ئېنىق كۆرەلىدى. ئۇ يازمىنى ئاچقاندا، بارلىق جامائەت ئورنىدىن تۇرۇشتى.

6 ئۇ پەرۋەردىگار بولغان ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلىگەندە، پۈتۈن جامائەت قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى. كېيىن ئۇلار تىزلىنىپ، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ سەجدە قىلىشتى.

7 ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرغان خەلققە يېشۇۋا، بانى، شېرېبىيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قىلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پىلايا قاتارلىق لاۋىيلار قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بەردى.

8 ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىنى خەلققە ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق نېمىنىڭ ئوقۇلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلدى.

9 خەلق قانۇننى ئاڭلاپ، كۆز يېشى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە باشلىقى نەخەمىيا، تەۋرات ئۇستازى روھانىي ئەزرا ۋە قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىدىغان لاۋىيلار خەلققە: _ بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر! سىلەر يىغا-زار قىلماڭلار!

10 ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى.

11 لاۋىيلار جامائەتنى تىنچلاندۇرۇپ: _ بۈگۈن مۇقەددەس كۈندۇر! قايغۇرۇشنى توختىتىڭلار! _ دېدى.

12 جامائەت ئوقۇلغان مەزمۇننى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە قايتىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە زىياپەت داستىخىنىدىن غىزالاندى ۋە ئۆزىدە بارىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى.


كەپە تىكىش ھېيتى

13 ئەتىسى ھەر قايسى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىملىرىنى ئوبدانراق بىلىۋېلىش ئۈچۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار بىلەن بىرگە تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ يېنىغا باردى.

14 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنىدىن كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتى مەزگىلىدە ئىسرائىللارنىڭ كەپىلەردە تۇرۇشى بۇيرۇلغانلىقىنى بايقىدى.

15 ئۇلار قانۇندا يېزىلغان: «ئېدىرلىقلارغا بېرىپ، زەيتۇن، ياۋا زەيتۇن، مىرتا، خورما ۋە باشقا قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، كەپە ياساڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىشى ۋە ئۇنى ئۆز يۇرتلىرى ھەم يېرۇسالېمدا تارقىتىشى كېرەك ئىدى.

16 شۇنىڭ بىلەن خەلق دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ كېلىپ، ئۆگزىلىرىگە، ھويلىلىرىغا، ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ۋە سۇ دەرۋازىسى ھەم ئەفرايىم دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيدانلارغا كەپە ياسىدى.

17 سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ياسالغان بۇكەپىلەردە تۇردى. ئىسرائىللار بۇ ھېيتنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ زامانىدىن تارتىپ بۇنداق تەبرىكلەپ باقمىغانىدى. ھەممە ئادەم شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.

18 ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە ئەزرا ھەر كۈنى خۇدانىڭ قانۇنىدىن بىر پارچە ئوقۇپ تۇردى ۋە يەتتە كۈن ھېيت قىلىپ، سەككىزىنچى كۈنى بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan