Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەخەمىيا 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 سېپىل پۈتۈپ، دەرۋازا قاناتلىرى ئورنىتىلىپ بولۇنغانىدى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ۋە باشقا لاۋىيلار خىزمەتلەرگە تەقسىم قىلىندى.

2 مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى خانانيانى تەيىنلىدىم.

3 مەن ئۇلارغا: _ يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنى چىڭقىچۈشتە ئاچماڭلار، ئاشۇ ۋاقىتتا ۋەزىپىدە تۇرغان دەرۋازىۋەنلەر دەرۋازىلارنى تاقاپ، بالداقلارنى سالسۇن! يېرۇسالېم ئاھالىسىدىن بەزىلەرنى قاراۋۇللۇققا، بەزىلەرنى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىنى چارلاشقا قويۇڭلار! _ دېدىم.


سۈرگۈندىن قايتقانلارنىڭ تىزىملىكى

4 بۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېم ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئاھالىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۆيلەرمۇ قايتىدىن ئانچە كۆپ ياسالمىغانىدى.

5 خۇدا مېنىڭ جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمنى كۆڭلۈمگە سالدى. مەن بىرىنچى تۈركۈم سۈرگۈندىن يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ نەسەبنامە خاتىرىسىنى تاپتىم. ئۇنىڭدا مۇنداق خاتىرىلەنگەنىدى:

6 تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.

7 زىرۇببابەل، يوشۇۋا، نەخەمىيا، ئازاريا، رائاميا، ناخامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى:

8 پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى،

9 شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى،

10 ئاراخ جەمەتىدىن 652 كىشى،

11 پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2818 كىشى،

12 ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى،

13 زاتتۇ جەمەتىدىن 845 كىشى،

14 زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى،

15 بىننۇي جەمەتىدىن 648 كىشى،

16 بېباي جەمەتىدىن 628 كىشى،

17 ئازگاد جەمەتىدىن 2322 كىشى،

18 ئادونىقام جەمەتىدىن 667 كىشى،

19 بىگۋاي جەمەتىدىن 2067 كىشى،

20 ئادىن جەمەتىدىن 655 كىشى،

21 ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى،

22 خاشۇم جەمەتىدىن 328 كىشى،

23 بېزاي جەمەتىدىن 324 كىشى،

24 خارىف جەمەتىدىن 112 كىشى،

25 گىبئون جەمەتىدىن 95 كىشى،

26 بەيتلەھەملىكلەر ۋە نىتوفالىقلاردىن 188 كىشى،

27 ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى،

28 بەيت-ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى،

29 قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى،

30 راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى،

31 مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى،

32 بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 123 كىشى،

33 نىبولۇقلاردىن 52 كىشى،

34 ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى،

35 خارىملىقلاردىن 320 كىشى،

36 ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى،

37 لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 721 كىشى،

38 سىنائالىقلاردىن 3930 كىشى.

39 روھانىيلاردىن: يىدايا جەمەتىدىن (يوشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى،

40 ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى،

41 پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى،

42 خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.

43 لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى،

44 ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى: ئاساف ئەۋلادلىرىدىن 148 كىشى،

45 ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 138 كىشى.

46 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،

47 قېروس، سىئا، پادون،

48 لىبانا، خاگابا، شالماي،

49 خانان، گىددېل، گاخار،

50 رىئايا، رىزىن، نىقودا،

51 گاززام، ئۇززا، پاسېياخ،

52 بېساي، مىئۇنىم، نىفۇشىسىم،

53 باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،

54 بازلىت، مىخىدا، خارشا،

55 بارقوس، سىسىرا، تەماخ،

56 نىزىياخ ۋە خاتىفالار.

57 پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: سوتاي، سوفەرەت، پىرىدا،

58 يالاھ، دارقون، گىددېل،

59 شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامونلار.

60 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 392 كىشى.

61 تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددون ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى.

62 بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 642 كىشى ئىدى.

63 خاباييا، خاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى.

64 بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى.

65 يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكلىرىدىن يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.

66 يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى ئىدى.

67 بۇلاردىن باشقا 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 245 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە

68 ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر،

69 435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى.

70 بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ئۈچۈن ئۆز مۈلۈكلىرىدىن ئىئانە قىلدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى خەزىنىگە مىڭ ئالتۇن تەڭگە، 50 دانە داس، 530 قۇر روھانىي تونى ئىئانە قىلدى.

71 يەنە بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مىڭ ئالتۇن تەڭگە ۋە 1320 كىلو كۈمۈش ئىئانە قىلدى.

72 قالغان خەلق 20 مىڭ ئالتۇن تەڭگە، 1200 كىلو كۈمۈش ۋە 67 قۇر روھانىي تونى ئىئانە قىلدى.

73 روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى. كۈز پەسلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan