Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەخەمىيا 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


نەخەمىياغا قۇرۇلغان تۇزاق

1 سانباللات، توبىيا، شۇنداقلا گەشەم ئىسىملىك ھېلىقى ئەرەب ۋە باشقا رەقىبلەر بىزنىڭ سېپىلنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىمىزدىن ۋە بىرەر يېرىقىنىڭمۇ ئېتىلمەي قالمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز تېخى سېپىلنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدۇق.

2 سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا خەت يوللاپ، ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كىفىرىم دېگەن جايدا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ماڭا سۇيىقەست قىلماقچىدى.

3 مەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «مەن ھازىر مۇھىم ئىش ئۈستىدە، ئۇ يەرگە بارالمايمەن. سىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ، ئىشىمنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن» دېدىم.

4 ئۇلار ماڭا تۆت قېتىم ئوخشاش خەت يوللىدى. مەن ئۇلارغا بۇرۇنقىغا ئوخشاش جاۋاب قايتۇردۇم.

5 بەشىنچى قېتىم سانباللات ماڭا ئۆز خىزمەتكارىدىن يەنە خەت يوللىدى. خەت پېچەتلەنمىگەنىدى.

6 خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «سىز باشلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئىسيان كۆتەرمەكچى بولغانلىقىڭلار ھەققىدە خەلق ئارىسىدا گەپ تارقىلىپتۇ، گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ. شۇڭا سىلەر سېپىلنى قۇرۇۋېتىپسىلەر. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز ئۇلارغا پادىشاھ بولماقچىكەنسىز.

7 شۇڭا سىز پەيغەمبەرلەر تىكلەپ، ئۇلار ئارقىلىق يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پېرسىيە پادىشاھىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا سىز كېلىپ، مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

8 مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم.

9 ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قولىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ، سېپىلنى پۈتتۈرەلمەسلىكىمىزنى ئويلىغانىدى. مەن: «ئى خۇدا، قولۇمغا كۈچ-قۇدرەت بەرگەيسەن!» دەپ دۇئا قىلدىم.

10 بىر كۈنى مەن مىھېتابىئېلنىڭ نەۋرىسى، يەنى دىلايانىڭ ئوغلى شىمايانىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ دائىم ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ، سىرتقا چىقمايتتى. ئۇ ماڭا: _ بىز ئىبادەتخانا ئىچىدە كۆرۈشەيلى، ئىشىكنى تاقىۋالايلى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن كەچ كېلىپ، سىزنى ئۆلتۈرمەكچى! _ دېدى.

11 مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: _ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە، جېنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم.

12 مەن شىمايانى خۇدانىڭ ئەۋەتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ماڭا پەيغەمبەرچە ئېيتقان سۆزىنىڭ خۇدادىن كەلمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ توبىيا بىلەن سانباللاتقا سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.

13 ئۇلار مېنى قورقۇتۇپ، گۇناھقا پاتۇرماقچى بولغانىدى. ئاندىن نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، تۆھمەت چاپلىماقچىدى.

14 «ئى خۇدايىم، توبىيا بىلەن سانباللاتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقۇتماقچى بولغان ساختا ئايال پەيغەمبەر نوئاديا بىلەن باشقا ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!»


سېپىلنىڭ پۈتتۈرۈلۈشى

15 سېپىل 52 كۈندە، كۈز پەسلى ئەلۇل ئېيىنىڭ 25-كۈنى تاماملاندى.

16 رەقىبلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا ئۇلارنى قورقۇنچ باستى ۋە ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچى يوقالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خۇدانىڭ ياردىمى ئارقىلىق پۈتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

17 شۇ 52 كۈن جەريانىدا، يەھۇدىي جامائەت ئەربابلىرى بىلەن توبىيا ئوتتۇرىسىدا خەت-ئالاقە بولۇپ تۇردى.

18 نۇرغۇن يەھۇدىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانچىلىقى بولۇپ، ئۇنى قوللاشقا قەسەم بەرگەنىدى. چۈنكى توبىيانىڭ قېيىنئاتىسى ئاراخنىڭ ئوغلى شىكانيا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توبىيانىڭ ئوغلى يىھوخانان بەرەكيانىڭ مىشۇللام ئىسىملىك ئوغلىنىڭ قىزىنى ئالغانىدى.

19 شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا توبىيانىڭ ياخشى گەپلىرىنى قىلىشتى ھەمدە مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇردى. توبىيامۇ مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق خەت يوللاپ تۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan