نەخەمىيا 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنەخەمىيانىڭ نامراتلارنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنى يېنىكلىتىشى 1 بىر مەزگىلدىن كېيىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق ئامما ئارىسىدا نارازىلىق بىلدۈردى. 2 بەزىلەر: «بىز كۆپ جانلىق، بىزگە جېنىمىزنى ساقلاپ قالغۇدەك يېمەك-ئىچمەك كېرەك!» دېيىشسە، 3 بەزىلەر: «بىز ئاچارچىلىق مەزگىلىدە ئاچ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئېتىزىمىز، ئۆزۈمزارلىقىمىز ۋە ئۆيلىرىمىزنى گۆرۈگە قويدۇق» دېيىشتى. 4 يەنە بەزىلەر: «بىز پادىشاھقا ئېتىز ۋە ئۆزۈمزارلىق ئالۋان-سېلىقى تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالدۇق. 5 باي يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىزنىڭ قېنىمىز بىر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھېچ پەرقى يوق. بىراق بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇلارغا قۇللۇققا بەرمەسلىكىمىزگە چارىمىز يوق. ھېلىمۇ قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى قۇل بولۇپ كەتتى. بىز بۇنىڭغا ئامالسىز. چۈنكى ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۆزۈمزارلىقلىرىمىز قولىمىزدىن كەتتى» دېيىشتى. 6 مەن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندىم. 7 بۇ ئىش ھەققىدە ئويلانغاندىن كېيىن، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدىم: _ سىلەر ئۆسۈم ئېلىش ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىسلەر! ئاندىن مەن جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا قارشى يىغىن ئاچتىم. 8 يىغىندا مەن ئۇلارغا: _ بىز يات خەلقلەرگە ئامالسىز سېتىلىپ كەتكەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تۆلەم تۆلەپ قايتۇرۇۋالغانىدۇق، ئەمدى سىلەر ئۇلارنى يەنە قۇللۇققا سېتىۋاتىسىلەر! بىز ئۇلارنى قايتىدىن قۇللۇقتىن سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟! _ دېدىم. ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇجۇقۇپ كەتتى ۋە ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى. 9 مەن يەنە: _ قىلغىنىڭلار ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ! سىلەر نېمىشقا خۇدادىن قورقماي، يات خەلقتىن بولغان رەقىبلىرىمىزنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىلەر؟ 10 قېرىنداشلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، ھەتتا مەنمۇ خەلققە پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بېرىپتۇق. ئەمدى بىز ئۆسۈم ئېلىشنى توختىتايلى! 11 سىلەرگە گۆرۈگە قويۇلغان ئېتىز، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنلۇق ۋە ئۆيلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار! پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈملىرىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىڭلار! _ دېدىم. 12 ئۇلار: _ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز، خەلقتىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايمىز، دېگىنىڭىز بويىچە بېجىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن روھانىيلارنى چاقىرتىپ كەلدىم، ئاندىن جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى چاقىرىپ كېلىپ، روھانىيلارنىڭ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە قەسەم قىلدۇردۇم. 13 ئاندىن كېيىن تونۇمنىڭ پېشىنى قېقىپ: _ خۇدا ۋەدىسىدە تۇرمىغانلارنى مۇشۇنداق قېقىپ، ئۇلارنى ئۆي-ماكانىدىن ۋە بېساتىدىن ئايرىسۇن، _ دېدىم. جامائەتنىڭ ھەممىسى: «ئامىن!» دېدى ۋە پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. ئۇلار ۋەدىسىدە تۇردى. نەخەمىيانىڭ ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىشى 14 مەن يەھۇدىيە رايونىغا باشلىق بولغان 12 يىل جەرياندا، يەنى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 20-يىلىدىن 32-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى يېمىدىم، تۇغقانلىرىممۇ شۇنداق قىلدى. 15 بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-سېلىق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن يېمەكلىك، شاراب ۋە قىرىق كۈمۈش تەڭگە ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم. 16 مەن ئۆزۈمنى سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئاتىۋەتتىم. بىز يەرگىمۇ ئىگىدارچىلىق قىلمىدۇق. ھەممە خىزمەتكارلىرىممۇ سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن ھەپىلەشتى. 17 مېنىڭ داستىخېنىمدىن غىزالىنىدىغان يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلار ئادەتتە بىر يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. بۇلاردىن باشقا ئەتراپتىكى خەلقلەردىنمۇ بار ئىدى. 18 ماڭا ھەر كۈنى بىر كالا، ئالتە قوي ۋە قۇشلار، ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەر خىل شارابلار تەييارلىناتتى. شۇنداقتىمۇ، مەن باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى تەلەپ قىلمىدىم، چۈنكى خەلقنىڭ يۈكىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بىلەتتىم. 19 «ئى خۇدايىم، بۇ خەلق ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن ۋە ماڭا ياخشىلىق قىلغايسەن!» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti