Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەخەمىيا 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سېپىل قۇرۇلۇشىغا بولغان توسقۇنلۇق

1 بىزنىڭ شەھەر سېپىلىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭلىغان سانباللات ناھايىتى خاپا بولدى ۋە غەزەپلەندى ھەم بىز يەھۇدىيلارنى مەسخىرە قىلدى.

2 ئۇ ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا: _ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلالايدىكەن، ئۇلار بۇ سېپىلنى قايتىدىن ياسىماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلساقلا، بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرەلەيمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل ۋە داشقالغا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەمدىكەن؟ _ دېدى.

3 ئاممونلاردىن بولغان توبىيا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: _ ئۇلارنىڭ ياساۋاتقان بۇ سېپىلىغا بىر تۈلكە چىقسىلا، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! _ دېدى.

4 مەن مۇنداق دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدايىمىز، ئۇلارنىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىشلىرىغا قۇلاق سالغايسەن! ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن! ئۇلارنى سۈرگۈن قىلىپ، تالان-تاراجغا قويغايسەن.

5 ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشچىلار ئالدىدا سېنى ھاقارەتلىگەنلىكىدەك رەزىللىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن، گۇناھلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن.»

6 بىز ھەممىمىز چىن دىلىمىز بىلەن ئىشلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى يېرىم قوپۇرۇلۇپ، تۇتاشتۇرۇلدى.

7 سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونلار ۋە ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىل قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى ۋە يېرىقلىرىنىڭ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى.

8 ئۇلار بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلاپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى تىرىپىرەن قىلماقچى بولدى.

9 بىز خۇدايىمىزغا دۇئا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قاراۋۇللارنى قويدۇق.

10 لېكىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا: «ئىشلەۋاتقانلار بارغانسېرى ھالىدىن كېتىۋاتىدۇ. خارابىلىك شۇ پېتى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز سېپىلنى قانداقمۇ پۈتتۈرەرمىز؟» دېگەن گەپ تارقالدى.

11 شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەقىبىمىزنىڭ: «بىز يەھۇدىيلارغا سەزدۈرمەي ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.

12 دۈشمەنگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار كېلىپ، بىزنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇلار بىزگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقچى!» دېيىشتى.

13 شۇڭا مەن يەھۇدىيلارنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم.

14 ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلققە چاقىرىق قىلىپ: _ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم.

15 دۈشمەنلىرىمىز بىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىلىپ قالغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، خۇدا پىلانىمىزنى بۇزۇۋەتتى دەپ چۈشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىپ، سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولدۇق.

16-17 مۇشۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملىرىمنىڭ يېرىمى ئىشقا كىرىشتى، قالغان يېرىمى نەيزە، قالقان ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللىنىپ، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيىپ قاراۋۇللۇق قىلدى. يېتەكچىلەرمۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى. يۈك توشۇغۇچىلارمۇ قوراللىنىپ تۇرۇپ ئىش قىلدى.

18 ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى بېلىگە قىلىچ ئاستى. جەڭگە بۇرغا چالغۇچىمۇ يېنىمدا ئىدى.

19 مەن جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۈتكۈل خەلققە: _ قىلىدىغان ئىش كۆپ ھەمدە قىلىدىغان ئىش سېپىلنىڭ ھەممە يېرىدە بار. سېپىلدا بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز يىراق.

20 سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يېنىمغا يىغىلىڭلار. خۇدايىمىز جەڭدە بىزگە يار بولىدۇ، _ دېدىم.

21 شۇڭا سەھەردىن تاكى يۇلتۇزلار كۆرۈنگۈچە يېرىمىمىز ئىشلىدۇق، يېرىمىمىز قولىمىزغا نەيزە ئېلىپ قاراۋۇللۇق قىلدۇق.

22 مەن يەنە كىشىلەرگە: _ ھەركىم ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى بىلەن يېرۇسالېمدا كېچىسى قاراۋۇللۇق قىلسۇن، كۈندۈزى سېپىلدا ئىشلىسۇن، _ دېدىم.

23 بۇ مەزگىلدە مەيلى تۇغقانلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، مۇھاپىزەتچىلىرىم بولسۇن، مەيلى مەن بولاي، ھېچقايسىمىز ئۇچىمىزدىكى كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرمىدۇق ھەمدە قوللىرىمىزدىن قوراللارنى چۈشۈرمىدۇق.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan