نەخەمىيا 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىشەھەر سېپىللىرىنى قايتىدىن قۇرۇش 1 باش روھانىي ئەلياشىب ۋە ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلىدى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى يۈز مۇنارىغىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى. 2 كېيىنكى بۆلىكىنى ئېرىخالىقلار ياسىدى. قالغان كېيىنكى بۆلىكىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى. 3 ھاسسىنائانىڭ ئوغۇللىرى بېلىق دەرۋازىسىنى ياسىدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. 4 خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت سېپىلنىڭ كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىشېزابئېلنىڭ نەۋرىسى بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بائانانىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 5 تىقوۋالىقلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ يۇرت باشلىرى قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى. 6 پاسېياخنىڭ ئوغلى يويادا ۋە بىسودىيانىڭ ئوغلى مىشۇللام كونا شەھەر دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. 7 گىبئونلۇق مىلاتيا، مېرونوتلۇق يادون ۋە گىبئون ھەم مىزپاھ شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىزپاھ شەھىرىدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تۇراتتى. 8 زەرگەرلەردىن بىرى بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىئېل ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. خانانيا خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ياسىغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كەڭ سېپىلغىچە رېمونت قىلدى. 9 خۇرنىڭ ئوغلى، يەنى يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى رىفايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 10 خارۇمافنىڭ ئوغلى يىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغىچە رېمونت قىلدى. خاشابنىيانىڭ ئوغلى خاتتۇش ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 11 خارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاخات-موئابنىڭ ئوغلى خاششۇب ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بىلەن تونۇرلار مۇنارىنى رېمونت قىلدى. 12 ھاللوھېشنىڭ ئوغلى، يەنى يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ باشقا بىر يېرىمىنى باشقۇرىدىغان شاللۇم قىزلىرى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 13 خانۇن زانوۋاخلىقلارنى باشلاپ، جىلغا دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. ئۇلار يەنە قىغ دەرۋازىسىغىچە بولغان 500 مېتىر ئارىلىقنى ياسىدى. 14 رېكابنىڭ ئوغلى، يەنى بەيت-ھاككەرەم رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مالكىيا قىغ دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. 15 كولخوزەنىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاللۇم بۇلاق دەرۋازىسىنى ۋە دەرۋازا ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى ھەمدە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ گۈللۈكىنىڭ يېنىدىكى شەلاخ كۆلچىكى سېپىلىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە رېمونت قىلدى. 16 ئازبۇقنىڭ ئوغلى، يەنى بەيتزۇر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى نەخەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى داۋۇت پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جايدىن سۇ ئامبىرى ۋە باھادىرلارنىڭ بارگاھىغىچە رېمونت قىلدى. 17 بانىنىڭ ئوغلى رىخۇمنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىر توپ لاۋىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ئاندىن قىيلاھ رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى خاشابيا ئۆز رايونىنىڭ نامىدىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 18 خېنادادنىڭ ئوغلى، يەنى قىيلاھ رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرىدىغان باۋۋاي بىلەن تۇغقانلىرى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 19 يېشۇۋانىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ شەھىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەزەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى قورال ئامبىرىغا چىقىدىغان يولنىڭ ئۇدۇلىدىن سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغىچە رېمونت قىلدى. 20 زابباينىڭ ئوغلى بارۇك ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ ئايلانمىسىدىن باشلاپ باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگىچە رېمونت قىلدى. 21 خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن ئۇنىڭ ئاخىرىغىچە رېمونت قىلدى. 22 يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدىغان روھانىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 23 بىنيامىن ۋە خاششۇبلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئانانيانىڭ نەۋرىسى، يەنى مائاسېيانىڭ ئوغلى ئازاريا كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. 24 خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئازاريانىڭ ئۆيىدىن سېپىلنىڭ ئايلانمىسى ۋە يەنە بىر دوقمۇشىغىچە رېمونت قىلدى. 25 ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ ئايلانمىسىنى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئۈستۈنكى ئوردا مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. پارئوشنىڭ ئوغلى پىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى، 26 يەنى سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىن شەرقتىكى سېپىلدىن چىقىپ تۇرغان مۇنارغىچە بولغان ئارىلىقنى ئوفەل ئېگىزلىكىدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە رېمونت قىلدى. 27 كېيىنكى بۆلىكىنى تىقوۋالىقلار رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلىكى بولۇپ، بۈيۈك مۇنار ئۇدۇلىدىن ئوفەل سېپىلىغىچە ئىدى. 28 روھانىيلار ئات دەرۋازىسىنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىنى، يەنى ھەربىر روھانىي ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. 29 ئىممېرنىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شىكانيانىڭ ئوغلى، يەنى شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى شىمايا رېمونت قىلدى. 30 ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شەلەميانىڭ ئوغلى خانانيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى خانۇن رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلار رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلەك ئىدى. بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. 31 زەرگەرلەرنىڭ بىرى بولغان مالكىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كۆزەت دەرۋازىسى ئۇدۇلىدىكى ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ھەم سودىگەرلەرنىڭ ئۆيىگىچە رېمونت قىلدى. ئاندىن سېپىلنى ئۈستىگە ئۆي جايلاشقان سېپىل دوقمۇشىغىچە ئۆزارتتى. 32 باشقا زەرگەرلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇ دوقمۇشتىن قوي دەرۋازىسىغىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti