نەخەمىيا 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنەخەمىيانىڭ بەلگىلىمىلەرنى قايتىدىن بەلگىلىشى 1 ئۇ كۈنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن يازمىلار جامائەتكە ئوقۇپ بېرىلدى. يازمىلاردا ئاممونلار ۋە موئابلارنىڭ ئىبادەتكە قاتناشسا قەتئىي بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بايقالدى. 2 چۈنكى بۇرۇن ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا ئۇلار ئىسرائىللارنى يېمەكلىك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىمەي، ئەكسىچە ئىسرائىللارنى قارغاش ئۈچۈن بىلئامنى ياللىغانىدى. ئەمما خۇدايىمىز ئۇنىڭ قارغىشىنى بەختكە ئايلاندۇرغانىدى. 3 جامائەت تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىغان ھامان شالغۇتلارنى جامائەت ئارىسىدىن چىقىرىۋەتتى. 4 بۇنىڭدىن بۇرۇن روھانىي ئەلياشىب ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئاممونلاردىن بولغان توبىيا بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئىدى. 5 ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى. 6 بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم. بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 32-يىلى مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارغانىدىم. كېيىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورىدىم. 7 مەن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئەلياشىبنىڭ توبىياغا ئىبادەتخانا ھويلىسىدىكى بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بېرىپ، رەزىللىك قىلغانلىقىنى بايقىدىم. 8 مېنىڭ بۇ ئىشقا بەك ئاچچىقىم كېلىپ، توبىيانىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۇ ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتتىم. 9 مەن روھانىيلارغا ھەممە ئۆيلەرنى يېڭىدىن پاكلاشنى، ئاندىن ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرىنى، سۇنۇلغان ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى ئۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىرىشنى بۇيرۇدۇم. 10 مەن يەنە لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان مۇناجاتچىلار ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ ئېتىزغا ئىشلەشكە كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. 11 شۇنىڭ بىلەن مەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ: _ نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى نەزىرىڭلاردىن ساقىت قىلىندى؟ _ دېدىم. مەن يەنە مۇناجاتچىلار ۋە باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى بۇرۇنقى خىزمىتىگە قويدۇم. 12 يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق قايتىدىن ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. 13 مەن روھانىي شەلەميا، پۈتۈكچى زادوق ۋە لاۋىيلاردىن بولغان پىدايانى ئامبارلارغا مەسئۇل قىلدىم. مەن يەنە ماتتانيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى بولغان خاناننى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدىم. بۇلار ئىشەنچلىك ئادەملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلارغا ئۈلۈشلىرىنى ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىپ بېرىش ئىدى. 14 «ئى خۇدايىم، بۇ ياخشى ئىشلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە ئىبادەتخانا ئۈچۈن ۋە ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن قىلغان سادىق خىزمىتىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن!» 15 ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم ئېزىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم. 16 يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان تىر شەھىرىدىن كەلگەنلەر بېلىق ۋە ھەر خىل تاۋارلارنى ئېلىپ كېلىپ دەم ئېلىش كۈنىدە يەھۇدىيەدىكىلەرگە سېتىۋاتاتتى، ھەتتا يېرۇسالېمدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتاتتى. 17 شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدىيلارنىڭ جامائەت ئەربابلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدىم: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق رەزىل ئىش قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىگە ھاقارەت قىلىسىلەر؟ 18 ئەجدادلىرىڭلارمۇ شۇنداق رەزىل ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدايىمىز بىزگە ۋە بۇ شەھەرگە بالايىئاپەتنى بەرگەن ئەمەسمىدى؟! سىلەر ھازىر دەم ئېلىش كۈنىگە ھاقارەت قىلىپ، خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا قارشى تېخىمۇ زور غەزىپىنى قوزغاۋاتىسىلەر! 19 شۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارنى دەم ئېلىش كۈنىدىن ئاۋۋالقى كۈنى كەچتە تاقاشنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتمىگۈچە ئاچماسلىقنى بۇيرۇدۇم. مەن دەم ئېلىش كۈنىدە ھەرقانداق يۈك-تاقلارنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، دەرۋازىلارغا خىزمەتكارلىرىمنى ئورۇنلاشتۇردۇم. 20 ھەر خىل تاۋارلارنى ئەكەلگەن سودىگەرلەر ۋە سېتىقچىلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا كېچىنى ئۆتكۈزدى. 21 شۇنىڭ بىلەن مەن: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن كېچىنى سېپىل سىرتىدا ئۆتكۈزىسىلەر؟ ئەگەر يەنە شۇنداق قىلساڭلار، ئەدىپىڭلارنى بېرىمەن! _ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە قايتا كەلمىدى. 22 ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم. «ئى خۇدايىم، دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، يۈكسەك ۋە مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! 23 شۇ كۈنلەردە مەن ئاشدود، ئاممون ۋە موئابلاردىن ئۆيلەنگەن بەزى يەھۇدىيلارنى كۆردۈم. 24 تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك ئۆزىنىڭ يەھۇدىي تىلىنى بىلمەي، پەقەت ئاشدودلۇق ياكى باشقا خەلقلەرنىڭ تىلىدىلا سۆزلىشى ئىدى. 25 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى قارغىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزدۈم. 26 مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى سۇلايمانمۇ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، مۇشۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدىمۇ؟! ھەرقانداق ئەللەر ئارىسىدا سۇلايمانغا ئوخشاش بىر پادىشاھ بولمىغانىدىغۇ؟! خۇدا ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللىرى ئۇنى گۇناھقا يېتەكلىدى. 27 سىلەرمۇ ئەمدى يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ قىلغان بۇ رەزىللىكىڭلارغا كۆز يۇمايلىمۇ ئەمدى! 28 باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ بىر ئوغلى خورونلۇقلاردىن بولغان سانباللاتنىڭ قىزىنى ئالغانىكەن، شۇڭا مەن ئۇنى ئالدىمدىن قوغلىۋەتتىم. 29 «ئى خۇدايىم، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. چۈنكى ئۇلار روھانىيلىق نامىنى بۇلغىدى ۋە سېنىڭ روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭگە خىلاپلىق قىلدى.» 30 شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقنى ھەرقانداق يات خەلقلەردىن يۇققان يامان تەسىرلەردىن پاكلىدىم. مەن روھانىيلارغا ۋە لاۋىيلارغا بەلگىلىمىلەر بېكىتىپ، ھەربىر ئادەمگە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىلدۈردۇم. 31 مەن يەنە خەلقنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوتۇن ئېلىپ كېلىشىنى ۋە تۇنجى ئالغان ھوسۇللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئى خۇدايىم، مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلغايسەن!» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti