Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەخەمىيا 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقانلار

1 خەلق يېتەكچىلىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلاردىن ھەر ئون ئائىلىدىن بىرىنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن چەك تاشلاشتى. چەك چىقمىغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا قېپقېلىشتى.

2 خەلق يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا رازى بولغانلارغا بەخت-سائادەت تىلىدى.

3 بۇ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى يېتەكچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: (روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە بەزى ئىسرائىللار يەھۇدىيەدىكى باشقا جايلاردا، يەنى ئۆز ماكانلىرىدا ياشىدى.

4 يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بەزىلەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى.) يەھۇدا قەبىلىسىدىن: ئاتايا _ ئاتايا ئۇززىيانىڭ ئوغلى، ئۇززىيا زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا شىفاتيانىڭ ئوغلى، شىفاتيا ماھالالئېلنىڭ ئوغلى، ماھالالئېل پەرەسنىڭ ئەۋلادى.

5 مائاسېيا _ مائاسېيا بارۇكنىڭ ئوغلى، بارۇك كولخوزەنىڭ ئوغلى، كولخوزە خازايانىڭ ئوغلى، خازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يويارىبنىڭ ئوغلى، يويارىب زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادى.

6 پەرەسنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 468 پالۋان بار ئىدى.

7 بىنيامىن قەبىلىسىدىن: ساللۇ _ ساللۇ مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام يوئېدنىڭ ئوغلى، يوئېد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا قولايانىڭ ئوغلى، قولايا مائاسېيانىڭ ئوغلى، مائاسېيا ئىتىئېلنىڭ ئوغلى، ئىتىئېل يىشايانىڭ ئەۋلادى.

8 ئۇنىڭدىن باشقا گابباي ۋە ساللاي بولۇپ، بىنيامىن قەبىلىسىدىن جەمئىي 928 كىشى بار ئىدى.

9 زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ باشلىقى، ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى يەھۇدا مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى.

10 روھانىيلاردىن: يويارىبنىڭ ئوغلى يىدايا، ياكىن

11 ۋە سىرايا. سىرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى، ئاخىتۇب بولسا ئىبادەتخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغانىدى.

12 ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىي قېرىنداشلىرىدىن جەمئىي 822 كىشى بار ئىدى. ئادايا _ ئادايا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام پىلاليانىڭ ئوغلى، پىلاليا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى.

13 ئادايانىڭ بىرگە ئىشلەيدىغان جەمەت باشلىقلىرىدىن جەمئىي 242 كىشى بار ئىدى. ئاماشساي _ ئاماشساي ئازارئېلنىڭ ئوغلى، ئازارئېل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مىشىللېموتنىڭ ئوغلى، مىشىللېموت ئىممېرنىڭ ئوغلى.

14 ئاماشساينىڭ جەمەتىدە 128 پالۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىقى ھاگىدولىمنىڭ ئوغلى زابدىئېل ئىدى.

15 لاۋىيلاردىن: شىمايا _ شىمايا خاششۇبنىڭ ئوغلى، خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا بۇننىنىڭ ئوغلى.

16 لاۋىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن شاببىتاي ۋە يوزاباد ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

17 ماتتانيا _ ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادى. ئۇ ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ۋە دۇئا قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلاتتى. باقبۇقيا ماتتانيانىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئابدا _ ئابدا شاممۇۋانىڭ ئوغلى، شاممۇۋا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى.

18 مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلار جەمئىي 284 كىشى ئىدى.

19 ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن: ئاققۇب، تالمون ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلار بولۇپ، جەمئىي 172 كىشى ئىدى.

20 قالغان ئىسرائىللار، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆز يەرلىرىدە ياشىدى.

21 لېكىن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى يېرۇسالېمدىكى ئوفەل ئېگىزلىكىگە ئولتۇراقلاشتى. زىخا بىلەن گىشپا ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى.

22 ئۇززى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ بانىنىڭ ئوغلى، بانى خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىبادەتخانىنىڭ مۇناجاتچىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

23 بۇ مۇناجاتچىلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى.

24 زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان پىتاخيا مىشېزابئېلنىڭ ئوغلى بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ئۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئىسرائىل خەلقى مەسلىھەتچىسى ئىدى.


باشقا يەرلەردە ئولتۇراقلاشقانلار

25 يەھۇدىيەنىڭ يېزىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ جايلىرىغا كەلسەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكى بەزىلەر قىريات-ئاربا، دىبون ۋە يىقابزىئېل ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى.

26 يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ بەزىلىرى يېشۇۋا، مولادا، بەيت-پەلەت،

27 خازار-شۇئال، بەئەرشەبا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار،

28 زىقلاق ۋە مىكونا ھەم مىكونانىڭ يېزىلىرى،

29 ئېنرىممون، زورئاھ، يارمۇت،

30 زانوۋاخ، ئادۇللام ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، لاكىش ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلار، ئازېقا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بولۇپ، بەئەرشەبادىن بەنھىننوم جىلغىسىغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتى.

31 بىنيامىن ئەۋلادلىرى گەبا، مىكماس، ئايياھ، بەيتەل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا،

32 ئاناتوت، نوب، ئانانيا،

33 خازور، راماھ، گىتتايىم،

34 خادىد، زىبوئىم، نىباللات،

35 لود، ئونو ۋە ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئولتۇراقلاشتى.

36 يەھۇدىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى لاۋىيلارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشى بەلگىلەندى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan