Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەخەمىيا 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 مەزكۇر ۋەدىنامىگە مۆھۈرلىرىنى باسقانلار: خاكاليانىڭ ئوغلى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيا ۋە زىدقىيا.

2 روھانىيلاردىن: سىرايا، ئازاريا، يەرەمىيا،

3 پاشخۇر، ئاماريا، مالكىيا،

4 خاتتۇش، شىبانيا، ماللۇك،

5 خارىم، مىرېموت، ئوبادىيا،

6 دانىيال، گىننىتون، بارۇك،

7 مىشۇللام، ئابىيا، مىيامىن،

8 مائازيا، بىلگاي ۋە شىمايالار.

9 لاۋىيلاردىن: ئازانيانىڭ ئوغلى يېشۇۋا، خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي، قادمىئېل

10 ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان شىبانيا، ھودىيا، قىلىتا، پىلايا، خانان،

11 مىكا، رىخوب، خاشابيا،

12 زاككۇر، شېرېبىيا، شىبانيا،

13 ھودىيا، بانى ۋە بىنىنۇلار.

14 ئەمەلدارلاردىن: پارئوش، پاخات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى،

15 بۇننى، ئازگاد، بېباي،

16 ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن،

17 ئاتېر، خىزكىيا، ئاززۇر،

18 ھودىيا، خاشۇم، بېزاي،

19 خارىف، ئاناتوت، نېباي،

20 ماگپىئاش، مىشۇللام، خېزىر،

21 مىشېزابئېل، زادوق، ياددۇئا،

22 پىلاتيا، خانان، ئانايا،

23 ھوشىيا، خانانيا، خاششۇب،

24 ھاللوھېش، پىلخا، شوبېق،

25 رىخۇم، خاشابنا، مائاسېيا،

26 ئاخىيا، خانان، ئانان،

27 ماللۇك، خارىم ۋە بائانالار.


ۋەدىنامىنىڭ مەزمۇنى

28 يۇقىرىقىلاردىن باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى، خىزمەتكارلىرى ھەم خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش يولىدا بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغانلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بارلىق ئەقىل يېشىغا يەتكەن ئوغۇل-قىزلىرى

29 ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن بىرگە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا قالىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى:

30 «بىز بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر بىلەن نىكاھلانمايمىز.

31 ئەگەر بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر دەم ئېلىش كۈنى ياكى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردە ئاشلىق ۋە باشقا نەرسە ساتسا، بىز ئۇلاردىن قەتئىي سېتىۋالمايمىز. بىز ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى دەم ئالدۇرىمىز ۋە قەرزلەرنى بىكار قىلىمىز.

32 بىز ئىبادەتخانىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىلى تۆت گىرامدىن كۈمۈش بېرىشكە ۋەدە قىلىمىز.

33 بۇ كۈمۈشلەر خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم دەم ئېلىش كۈنى، يېڭى ئاي بايرىمى ھەمدە بەلگىلىگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

34 بىز روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا بارلىق خەلق تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇنلارنى قايسى جەمەتنىڭ ھەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز.

35 بىز ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلىمىز بىلەن مېۋىلىرىمىزنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە قىلىمىز.

36 تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ بارىمىز.

37 بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ۋە باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ھەم زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ.

38 لاۋىيلار بۇنى يىغقاندا، روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بىر روھانىي ئۇلار بىلەن بىرگە بارىدۇ، ئاندىن لاۋىيلار يىغىلغان ئاشلىقلارنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.

39 لاۋىيلار ۋە باشقا ئىسرائىللار ھەدىيە قىلىنغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىنىدىغان ۋە نۆۋەتچى روھانىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ھەم مۇناجاتچىلىرى تۇرىدىغان ئىبادەتخانا ئۆيلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. بىز نەزىرىمىزنى ئىبادەتخانىدىن نېرى قىلمايمىز.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan