Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەخەمىيا 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 تۆۋەندىكىلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىدىكى قەلئەدە تۇراتتىم.


نەخەمىيانىڭ يېرۇسالېمغا كۆڭۈل بۆلۈشى

2 قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان خانانى بىرنەچچە كىشىلەر بىلەن بىرگە يەھۇدىيەدىن كەلدى. مەن ئۇلاردىن سۈرگۈندىن قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم.

3 ئۇلار ماڭا سۈرگۈندىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ بارغان يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە خورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنىڭ يەنىلا خارابلىقتا ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

4 مەن بۇلارنى ئاڭلاپ، لاسسىدە بولۇپ، يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈردۈم، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم:

5 «ئى پەرۋەردىگار، ئەرشئەلادىكى خۇدا! سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن.

6 مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىنىمدا، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ماڭا نەزەر سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ئەجدادلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.

7 بىز رەزىللىك بىلەن ساڭا قارشى چىقتۇق. بىز خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىڭگە رىئايە قىلمىدۇق.

8 سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن، سەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن،

9 لېكىن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، سىلەرنى خەلقىمنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىغان جايغا قايتا يىغىمەن› دېگەنىدىڭ.

10 سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر سېنىڭ خەلقىڭدۇر ھەم خىزمەتكارلىرىڭدۇر.

11 ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan