ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئايان بولغىنىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ. ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغا چۆمۈشى 2 ئالتە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگەردى. 3 كىيىملىرى كۆزنى شۇنچىلىك قاماشتۇرغۇدەك ئاپئاق بولۇپ كەتتىكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاقارتقۇچمۇ كىرنى ئۇنچىلىك ئاقارتالمايتتى. 4 توساتتىن، شاگىرتلارغا ئىلياس پەيغەمبەر ۋە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. 5 پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى. 6 پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى شاگىرتلار ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتكەنىدى. 7 شۇ ئەسنادا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم؛ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى كەلدى. 8 شاگىرتلار شۇئان ئەتراپىغا قاراشتى، لېكىن يېنىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمىدى. 9 تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. 10 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىرلەشتى. 11 شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە: - تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ - دەپ سوراشتى. 12-13 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى قېلىپىغا سالىدۇ. ئۇنداقتا، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگىنىگە قانداق قارايسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ھەقىقەتەن كەلدى ۋە خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە يېزىلغاندەك، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ساقايتىلىشى 14 ئۇلار باشقا شاگىرتلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرمۇنچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 15 خالايىق ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. 16 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشىۋاتىسىلەر، - دەپ سورىدى. 17 كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋېلىپ، گەپ قىلالماس قىلىپ قويدى. 18 جىن ھەر قېتىم ئوغلۇمغا چاپلاشسا، ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ. بالىنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ. شاگىرتلىرىڭىزدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، - دېدى. 19 - ئەي ئېتىقادسىز ئەۋلاد! سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە، مەن سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە بولۇشۇم كېرەك؟ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. 20 ئۇلار بالىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جىن ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، يەردە يۇمىلاشقا باشلىدى. 21 ھەزرىتى ئەيسا بالىنىڭ ئاتىسىدىن: - ئۇنىڭ بېشىغا بۇ كۈن كەلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ - دەپ سورىدى. - كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق. 22 جىن ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. قولىڭىزدىن كەلسە بىزگە شاپائەت قىلىپ، ھالىمىزغا يەتكەيسىز! - دېدى بالىنىڭ ئاتىسى. 23 - سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. 24 - ئىشەنچىم بار، لېكىن ئاجىز. ئىشەنچىمنى كۈچەيتكەيسىز! - دېدى بالىنىڭ ئاتىسى شۇئان. 25 ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، جىننى ئەيىبلەپ: - ئەي ئادەملەرنى گاس ۋە گاچا قىلىدىغان جىن! بۇيرۇق قىلىمەنكى، بالىنىڭ تېنىدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! - دېدى. 26 شۇنىڭ بىلەن، جىن بىر پەرياد كۆتۈردى-دە، بالىنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك جىم بولۇپ قالدى. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىنى «ئۆلدى!» دېيىشتى. 27 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزغاندا، بالا ئورنىدىن تۇردى. 28 ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: - بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىيەلمىدۇق؟ - دەپ سوراشتى. 29 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ خىل جىننى پەقەت دۇئا بىلەنلا ھەيدىگىلى بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى 30 ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسى ئارقىلىق يۈرۈپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆزلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىدى. 31 چۈنكى، ئۇ شاگىرتلىرىغا تەلىم بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە: - ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن، ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىدۇ، - دېگەنىدى. 32 شاگىرتلار بۇ سۆزلەرنى چۈشەنمىدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسادىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. خۇدانىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ 33 ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - يولدا نېمە توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشتىڭلار؟ - دەپ سورىدى. 34 ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى زۇۋان سۈرمىدى، چۈنكى ئۇلار يولدا كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقانىدى. 35 ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرۇپ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - كىم ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، - دېدى. 36 ئاندىن، ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: 37 - كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. قارشى تۇرماسلىق قوللىغانلىقتۇر 38 يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى توستۇق، - دېدى. 39 - ئۇنى توسماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن مۆجىزە ياراتقان كىشى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلمايدۇ. 40 بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. 41 بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ھەتتا بىرەر چىنە سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ. گۇناھنىڭ ئېزىتقۇلۇقى 42 - كىمدەكىم ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا ئازدۇرسا، شۇ ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا چۆكتۈرۈلگىنى ئەۋزەل. 43-44 ئەگەر قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. 45-46 ئەگەر پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. 47 ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلا. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. 48 دوزاختا قۇرت-قوڭغۇز ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. 49 ھەربىر قۇربانلىق تۇزلانغاندەك، ھەممە ئادەم ئوتتىن ئۆتىدۇ. 50 تۇز ياخشى نەرسىدۇر. بىراق، تۇز ئۆز كۈچىدىن قالسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تۇزدەك بولۇپ ئاراڭلاردىكى ئىناقلىقىنى ساقلاڭلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti