ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقارماسلىق 1 بىر كۈنى، يېرۇسالېمدىن كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆرىسىگە يىغىلدى. 2 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمايلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. 3 (پەرىسىيلەر، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قوللىرىنى پاكىز يۇماي تۇرۇپ تاماق يېمەيدۇ. 4 شۇنىڭدەك، بازاردىن ئالغان نەرسىلەرنىمۇ يۇماي يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدەھ، چۆگۈن ۋە مىس قاچىلارنى يۇيۇش توغرىسىدىمۇ بىرمۇنچە ئەنئەنىلەرگە رىئايە قىلىدۇ.) 5 پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ؟ نېمىشقا ناپاك قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ - دەپ سوراشتى. 6 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەر ساختىپەزلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە؟! ئۇنىڭ يازمىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق. 7 ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.» 8 سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېسىلىۋالىدىكەنسىلەر. 9 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: - ئۆز ئەنئەنەڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتا نېمانچە ئۇستىلىق قىلىسىلەر! 10 مۇسا پەيغەمبەر: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇغان. 11 لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ˜مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى قۇربان قىلدىم، يەنى خۇداغا ئاتىۋەتتىمŒ دېسە، 12 ئۇ ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ ئۆگىتىسىلەر. 13 شۇنداق قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىلىرىڭلارنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. سىلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قىلىسىلەر. ئىنساننى نېمە ناپاك قىلىدۇ؟ 14 ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى، 15 ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. } 16 بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!{ - دېدى. 17 ھەزرىتى ئەيسا خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى. 18 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ 19 سىرتتىن كىرگەن نەرسە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا بارىدۇ. ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. 20 ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. 21 چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، 22 زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ. 23 بۇ يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. يەھۇدىي ئەمەس ئايالنىڭ ئېتىقادى 24 ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇ يەردە بىر ئۆيگە كىردى. ئەسلىدە ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرالمىدى. 25 جىن تەگكەن كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 26 سۇرىيە ئۆلكىسىنىڭ فەنىكىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان يەھۇدىي ئەمەس بۇ ئايال ھەزرىتى ئەيسادىن قىزىدىكى جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. 27 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئالدى بىلەن بالىلار يەپ تويسۇن، بالىلارنىڭ نېنىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، - دېدى. 28 ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن: - شۇنداق، تەقسىر، بىراق ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، - دېدى. 29 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - توغرا ئېيتتىڭ. مۇشۇ سۆزۈڭ ئۈچۈن جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ئەمدى قايتقىن، - دېدى. 30 ئايال ئۆيىگە قايتقىنىدا، قىزىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى. جىن ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىر گاس-گاچا ئادەمنى ساقايتىشى 31 ھەزرىتى ئەيسا تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، سىدون شەھىرى ۋە ئون شەھەر رايونىدىن ئۆتۈپ، يەنە جەلىلىيە كۆلىگە كەلدى. 32 كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا گاس ھەم تىلى ئېغىر بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى. 33 ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمنى خالايىق ئىچىدىن بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا بارماقلىرىنى تىقتى ۋە بارمىقىغا تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى. 34 ئاندىن، ئاسمانغا قاراپ چوڭقۇر تىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. 35 ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى شۇئان ئېچىلىپ، تىلى زۇۋانغا كېلىپ راۋۇرۇس گەپ قىلىشقا باشلىدى. 36 ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكىلەرگە بۇنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. لېكىن، ھەرقانچە بۇيرۇغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ خەۋەرنى شۇنچە كەڭ يېيىۋەتتى. 37 خالايىق ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە قالغانىدى. ئۇلار: - ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى! ھەتتا گاسلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، گاچىلارنى زۇۋانغا كەلتۈردى، - دېيىشتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti