ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقولى قۇرۇپ كەتكەن بىمارنىڭ ساقايتىلىشى 1 ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئىبادەتخانىغا كىردى. ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 2 بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. 3 ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىق! - دېدى. 4 ئاندىن، ئىبادەتخانىدىكىلەردىن: - قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى. 5 ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى. 6 بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى. كۆل بويىدىكى خالايىق 7 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ كۆل بويىغا كەتتى، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن نۇرغۇن خالايىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 8 ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىغان يەنە نۇرغۇن خالايىق يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى، ئىدۇمېيا ئۆلكىسى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپى، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن سەلدەك ئېقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتى. 9 ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، شاگىرتلىرىغا كىچىك بىر كېمە تەييارلاپ قويۇشنى بۇيرۇدى. 10 چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقاچقا، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇچىسىنى سىلىۋېلىش ئۈچۈن قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. 11 قاچانلا بولمىسۇن، جىن چاپلىشىۋالغانلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرسە، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 12 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق جېكىلەيتتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى تاللىشى 13 ھەزرىتى ئەيسا بىر تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى. چاقىرىلغانلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 14 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئون ئىككى كىشىنى ئەلچى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇش، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش 15 ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تاللىدى. 16 بۇ ئون ئىككى كىشى: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان)، 17 زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، (ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى «بېنى رەگەش»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، 18 ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن 19 ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت. ھەزرىتى ئەيسا شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر 20 ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن خالايىق توپلاندىكى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ غىزالىنىشقىمۇ چولىسى تەگمىدى. 21 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بېرىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ» دەپ ئويلاشقانىدى. 22 يېرۇسالېمدىن كەلگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭغا شەيتان چاپلىشىۋاپتۇ»، «ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دېيىشەتتى. 23 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى: - شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟ 24 ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. 25 بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. 26 شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتانمۇ ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىقىپ، ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلار بىلەن سوقۇشسا، ئۇمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. 27 ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. 28 بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. 29 لېكىن، مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغان ئادەم ھەرگىز كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. 30 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى بەزىلەرنىڭ «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېگىنىگە قارىتا ئېيتقانىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى 31 شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار تاشقىرىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. 32 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان جامائەتتىن بەزىلىرى: - ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز }ۋە سىڭىللىرىڭىز{ سىزنى سىرتتا چاقىرىۋاتىدۇ، - دېيىشتى. 33 ھەزرىتى ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: - كىملەر مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم؟ - دېدى. 34 ئاندىن، ئۇ چۆرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! 35 چۈنكى، كىم خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti