ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسانىڭ پالەچ ئادەمنى ساقايتىشى 1 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇمدىكى بۇرۇن تۇرغان ئۆيگە يەنە كەلدى. ئۇنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىش بىلەنلا، 2 ئۇ يەرگە شۇنچىلىك كۆپ ئادەم يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت تىققۇدەك يەر قالمىغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈۋاتاتتى. 3 شۇ ئەسنادا، ئۇنىڭ يېنىغا پالەچ بىر ئادەمنى تۆت كىشى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى. 4 ئۇلار ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا بارالماي، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقان ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى تېشىپ، بىمارنى ياتقان ئورۇن-كۆرپىسى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. 5 ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: - ئوغلۇم، سېنىڭ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، - دېدى. 6 ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە: 7 «بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ بۇ كۇپۇرلۇققۇ! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ!» دېيىشتى. 8 ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى شۇئان بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟ 9 «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. 10 ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، - دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە: 11 - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! - دەپ بۇيرۇدى. 12 ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەيران قالغان خالايىق خۇدانى مەدھىيىلىشىپ: - بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ لاۋىينى شاگىرتلىققا چاقىرىشى 13 ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىغا قاراپ ماڭدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋالدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بەردى. 14 ھەزرىتى ئەيسا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن، - دېدى. لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 15 كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا لاۋىينىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە شۇلاردەك گۇناھكار دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدە گۇناھكار دەپ قارالغان بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى. 16 پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ گۇناھكار دەپ قارالغانلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا: - ئۇنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى. 17 بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، - دېدى. كونىغا ئېسىلىۋالماسلىق 18 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتاتتى. بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىدۇ، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ - دەپ سوراشتى. 19 ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: - تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھەسرەت چېكىۋاتقان ئادەملەردەك روزا تۇتسا قانداق بولغىنى؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! 20 ئەمما، يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ. 21 ھېچكىم كونا كۆڭلەككە كىرىشىپ كېتىدىغان يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى يىرتىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 22 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدىكى مەسىلە 23 بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىللە كېتىۋاتقان شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى. 24 پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ، - دېيىشتى. 25 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ ۋە موھتاجلىقتا قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ 26 باش روھانىي ئاۋىياتارنىڭ ۋاقتىدا، پادىشاھ داۋۇت ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ھەم ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، - دېدى. 27 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئىنسان دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، دەم ئېلىش كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. 28 شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇرمەن، - دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti