Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى

1 ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئالىي كېڭەشمىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانى باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.

2 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

3 ئالىي روھانىيلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىرمۇنچە ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى.

4 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە: - قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سەن ھېچقايسىسىغا جاۋاب بەرمەمسەن؟ - دەپ سورىدى.

5 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا يەنىلا زۇۋان سۈرمىدى. پىلاتۇس بۇنىڭغا ھەيران قالدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى

6 ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىي خەلق ئىلتىماس قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى.

7 ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا توپىلاڭدا ئادەم ئۆلتۈرگەن توپىلاڭچىلار بىلەن بىللە تۇتۇلغان بارابباس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى.

8 خەلق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر مەھبۇسنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

9 پىلاتۇس ئۇلارغا: - سىلەرگە يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ - دېدى.

10 پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.

11 بىراق، ئالىي روھانىيلار خەلققە: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار» دەپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتتى.

12 پىلاتۇس ئۇلاردىن يەنە: - ئۇنداق بولسا، سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دەپ ئاتىغان ئادەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ - دەپ سورىدى.

13 - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى ئۇلار.

14 - نېمىشقا؟ ئۇ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ - دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ تۇرۇۋېلىشتى.

15 خالايىقنى خۇرسەن قىلماقچى بولغان پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.


لەشكەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشى

16 لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىردى. ئاندىن، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى.

17 ئۇلار ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون، بېشىغا تىكەن شاخلىرىدىن ئۆرۈپ ياسالغان تاج كىيدۈردى.

18 ۋە ئۇنىڭغا: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ ۋارقىراشتى.

19 ئاندىن، بېشىغا قومۇش بىلەن قايتا-قايتا ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى.

20 ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، سۆسۈن توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.

21 سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى بولغان بۇ ئادەم كىرىنى شەھىرىدىن ئىدى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى بۇ ئادەمگە مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى.

22 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە ئېلىپ باردى.

23 ئۇنىڭغا مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئىچمىدى.

24 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئاستى ۋە ھەرقايسىسى ئۆزىگە چىققاننى ئېلىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىپ، كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.

25 ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت توققۇزلار ئىدى.

26 گۇناھ تاختىسىغا «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى.

27 ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى. }

28 شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: ˜ئۇ جىنايەتچىلەر بىلەن بىر قاتارغا قويۇلىدۇŒ دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى.{

29 ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ: - قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟

30 ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىنا! - دېيىشتى.

31 ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇنى شۇنداق مەسخىرە قىلىپ، ئۆزئارا: - باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى.

32 ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، بىز شۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغانلارمۇ ئۇنى ھاقارەتلەشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

33 چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدە، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، سائەت ئۈچكىچە داۋام قىلدى.

34 سائەت ئۈچتە، ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوي، ئېلوي، لەما شەۋاقتانى! يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ!» دەپ ۋارقىرىدى.

35 ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى خاتا ئاڭلاپ: - قاراڭلار، بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ - دېيىشتى.

36 ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ ئەرزان ئۈزۈم شارابىغا چىلاپ، ئۇنى قومۇشنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ھەزرىتى ئەيساغا ئىچكۈزمەكچى بولدى ۋە: - توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ ئۇنى چۈشۈرۈۋالامدىكىن؟ - دېدى.

37 ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

38 شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى.

39 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈز بېشى ئۇنىڭ قانداق جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ: - بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېدى.

40 ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ك چىك ياقۇپ بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى.

41 ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىدە تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ ئاياللار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىللە كەلگەن يەنە بىرمۇنچە ئاياللارمۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇراتتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

42-43 ئۇ ھارپا كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاراماتىيالىق يۈسۈپ يۈرەكلىك ھالدا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

44 پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى. ئۇ يۈز بېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى سورىدى.

45 ئۇ يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلدى.

46 يۈسۈپ كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كېپەنلىدى ۋە قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلىپ، ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويدى.

47 مەجدەللىك مەريەم بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan