Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى

1 يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتىغا ئىككى كۈن قالغانىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى.

2 ئۇلار: - بۇ ئىشنى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، - دېيىشەتتى.

3 ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئىچىگە قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرى قاچىلانغان، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان قۇتىنى تۇتقان بىر ئايال كىرىپ، قولىدىكى قۇتىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئەتىرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى.

4 بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، بىر-بىرىگە: - خۇش پۇراق ئەتىرنى بۇنداق ئىسراپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟

5 بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر يىللىق كىرىمىمىزگە تەڭ كېلىدىكەن! ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، - دېيىشىپ، ئايالغا تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى.

6 - ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋېتىڭلار، ئۇنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى.

7 كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا، ئۇلارغا خالىغان ۋاقىتتا ياردەم قىلالايسىلەر. لېكىن، مەن ئاراڭلاردا دائىم بولمايمەن.

8 ئايال چامى يېتىدىغان ئىشنى قىلدى؛ مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييارلىق يۈزىسىدىن بەدىنىمگە ئالدىنئالا ئەتىر سۈركەپ قويدى.

9 بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە يەتكۈزۈلسە، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


يەھۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىشى

10 شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئالىي روھانىيلارنىڭ يېنىغا باردى.

11 بۇنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدامۇ ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى

12 پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان كۈنى، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىشىپ: - ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى.

13 ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككىيلەننى مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى: - يېرۇسالېمغا كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ توشۇۋاتقان بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتىسىلەر. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ،

14 ئۇ ئادەم كىرگەن ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستازىمىز: ˜شاگىرتلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانلىق ئۆي قەيەردە؟Œ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار.

15 ئۇ سىلەرنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلىك جابدۇپ قويۇلغان بىر ئېغىز چوڭ ئۆيگە باشلاپ چىقىدۇ. مانا شۇ ئۆيدە ھېيتنىڭ تامىقىنى تەييار قىلىڭلار.

16 شاگىرتلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىردى. ھەممە ئىشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە تاماقنى تەييارلاشقا كىرىشتى.

17 كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن كېلىپ،

18 داستىخاندا ئولتۇرۇپ تائام ئۈستىدە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بىلەن بىللە غىزالىنىۋاتقان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، - دېدى.

19 بۇ سۆز ئۇلارنى قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ: - مەن ئەمەستىمەن؟ - دەپ سورىدى.

20 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن بىللە تەخسىگە تۆگۈرگەن ئون ئىككى شاگىرتنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر.

21 ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! - دېدى.

22 ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا بەردى ۋە: - ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، - دېدى.

23 ئاندىن، ئۇ قولىغا بىر جام ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇندى. ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن ئىچىشتى.

24 - بۇ، مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.

25 بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

26 ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئېيتىشى

27 بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - ھەممىڭلار مېنى تاشلاپ كېتىشىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا: «قويچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، قويلىرى پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.

28 لېكىن، مەن تىرىلگەندىن كېيىن، جەلىلىيىگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، - دېدى.

29 پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھەممەيلەن سىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ، مەن ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيمەن، - دېدى.

30 - بىلىپ قويغىنكى، بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

31 لېكىن، پېترۇس تېخىمۇ قەتئىي تەلەپپۇز بىلەن: - سىز بىلەن بىللە ئۆلۈشكە توغرا كەلسىمۇ، سىزدىن تانمايمەن، - دېدى. قالغان شاگىرتلارمۇ شۇنداق دېيىشتى.


گېتسىمانە باغچىسىدىكى دۇئا-تىلاۋەت

32 كېيىن، ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر يەرگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، - دېدى.

33 ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنى قايغۇ بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ:

34 - جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك غەم-قايغۇغا پاتتى. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ھوشيار تۇرۇڭلار، - دېدى

35 ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ، مۇمكىن بولسا ئۇ كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كەلمەسلىكىگە دۇئا قىلىپ:

36 - ئى سۆيۈملۈك ئاتا، ھەممىگە قادىرسەن، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.

37 ئۇ ئۈچ شاگىرتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: - ئەي سىمۇن، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىرەر سائەتمۇ ھوشيار تۇرالمىدىڭمۇ؟!

38 ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، - دېدى.

39 ئاندىن، ئۇ يەنە بېرىپ، بۇرۇنقى سۆزلىرىنى تەكرارلاپ دۇئا قىلدى.

40 ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. چۈنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغانىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى.

41 ھەزرىتى ئەيسا ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ: - سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ بولدى بەس ئەمدى! ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.

42 قوپۇڭلار، كېتەيلى، مانا ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى كەپتۇ، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

43 ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلار بىلەن قوراللانغان زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى.

44 ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئەيسا شۇ. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدا ئېلىپ مېڭىڭلار» دېگەن ۋە سۆيۈش ئارقىلىق بەلگە بەرمەكچى بولغانىدى.

45 ئۇ ئۇدۇل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - ئۇستاز، - دەپ ئۇنى سۆيدى.

46 شۇ چاغدا، ئۇ باشلاپ كەلگەنلەر ھەزرىتى ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى.

47 ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

48 ھەزرىتى ئەيسا: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟

49 ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى، - دېدى.

50 بۇ چاغدا، شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.

51 ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن پەقەت ئۇچىسىغا كەندىر رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر ياش ئەگىشىپ ماڭغانىدى. ئۇلار ئۇنىمۇ تۇتۇۋالدى.

52 لېكىن، ئۇ رەختنىڭ ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، يالىڭاچ پېتى قېچىپ كەتتى.


ئالىي مەھكىمىدە سوتلىنىش

53 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى باش روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. پۈتۈن ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە يىغىلدى.

54 پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا تاكى باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ بېرىپ، ھويلىدا قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئىسسىنىپ ئولتۇردى.

55 ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى.

56 بىرمۇنچە يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىسپاتلىرى بىر-بىرىگە ماسلاشمايتتى.

57 ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ:

58 - بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، - دېدى.

59 لېكىن، بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلارمۇ بىر-بىرىگە ماسلاشمىدى.

60 ئاندىن، باش روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيساغا: - قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا نېمە دەيسەن؟ - دېدى.

61 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش روھانىي يەنە ئۇنىڭدىن: - مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغان خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.

62 - ھەئە، مەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.

63 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: - ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.

64 سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ - دېدى. ئۇلار بىردەك ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى تېگىشلىك دەپ ھۆكۈم قىلىشتى.

65 بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپ، مۇشت ئېتىپ: «پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى.


پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى

66 پېترۇس تۆۋەندىكى ھويلىدا تۇراتتى. باش روھانىينىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ،

67 ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ: - سەنمۇ ناسىرەلىك ئەيسا بىلەن بىر ئىدىڭغۇ، - دېدى.

68 پېترۇس بۇنى ئىنكار قىلىپ: - سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، - دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسنادا، خوراز چىللىدى.

69 ئۇنىڭ تاشقىرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھېلىقى دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا يەنە: - بۇ ئۇنىڭ ئادىمىغۇ، - دېدى.

70 پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى. بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە: - شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. تەلەپپۇزۇڭدىن سېنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكىڭ چىقىپ تۇرمامدۇ؟! - دېيىشتى.

71 پېترۇس قەسەم قىلىپ: - سىلەر دەۋاتقان ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! - دېدى.

72 دەل شۇ چاغدا، خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan