Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يامان ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل

1 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: - بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ.

2 ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ ھوسۇلنىڭ بىر ئۈلۈشىنى ئېلىپ كېلىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.

3 لېكىن، ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ.

4 خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىڭمۇ باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ.

5 كېيىن، خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. يەنە بىرمۇنچە قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇلارنىڭمۇ بەزىلىرى تاياق يەپ، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ.

6 خوجايىننىڭ يېنىدا بىرلا ئادىمى، يەنى ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىلا قاپتۇ. ئۇ ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئەۋەتىپتۇ.

7 لېكىن، ئىجارىكەشلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورى. كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن» دېيىشىپتۇ.

8 شۇنداق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىۋېتىپتۇ.

9 بۇنداق ئەھۋالدا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ.

10 سىلەر زەبۇردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.

11 بۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر، بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشتۇر.»

12 ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەنگەن يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولدى. لېكىن، خەلقتىن قورقۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.


باج تاپشۇرۇش مەسىلىسى

13 شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پەرىسىيلەردىن ۋە رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرىدىن بەزىلەرنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.

14 ئۇلار كېلىپ ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارغا خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟ زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ - دېيىشتى.

15 ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - نېمىشقا مېنى سۆزۈم ئارقىلىق ئىلىندۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە بېرىڭلار، كۆرۈپ باقاي، - دېدى.

16 پۇل ئېلىپ كېلىندى، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دەپ سورىدى. - رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دېيىشتى ئۇلار.

17 - ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى.


تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

18 ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ، دەپ قارايدىغان سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

19 - ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان.

20 بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا ئۆتكەنىكەن، چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

21 كەينىدىكى ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. كەينىدىكى ئىنىسىمۇ شۇنداق بولۇپتۇ.

22 شۇنداق قىلىپ يەتتىنچىسىگىچە ئۇنى ئېلىپ چىقىپتۇ. لېكىن، ھېچقايسىسى پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

23 ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال كىمنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! - دېيىشتى.

24 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق خاتالىشىسىلەر ئەمەسمۇ؟!

25 ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ.

26 ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتا ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى» ھەققىدىكى باياندا خۇدا ئۇلارنى تىرىك ھېسابلاپ: «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ.

27 دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. سىلەر تامامەن خاتالاشتىڭلار.


ئەڭ مۇھىم ئەمر

28 ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغان ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ - دەپ سورىدى.

29 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەڭ مۇھىمى شۇكى، «ئاڭلىغىن ئەي ئىسرائىللار! پەرۋەردىگارىمىز بولغان خۇدا بىردىنبىر خۇدادۇر.

30 پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.»

31 يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» مانا بۇلاردىن مۇھىم ئەمر يوق.

32 - توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، - دېدى تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا، - «خۇدا بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر» دېگىنىڭىز دۇرۇس.

33 ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەردىنمۇ مۇھىمدۇر.

34 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ: - سىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسىز، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ھېچكىم سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.


قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سالاھىيىتى

35 ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: - تەۋرات ئۇستازلىرى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، دەپ تۇرۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟

36 داۋۇت پادىشاھ ئۆزى مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن مۇنداق دېگەنغۇ: «پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ»

37 قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟! ئۇ يەردىكى جامائەت ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى زوق بىلەن ئاڭلايتتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىشى

38 ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: - تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋېلىپ، غادىيىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىنى،

39 ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

40 ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!


تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى

41 ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جاينىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز ئىئانىلىرىنى تاشلاۋاتقان جامائەتكە قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ساندۇققا خېلى كۆپ پۇل تاشلىدى.

42 بىر كەمبەغەل تۇل ئايالمۇ كېلىپ، بىرنەچچە تىيىنلا قىممىتىدىكى ئىككى تەڭگىنى تاشلىدى.

43 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ.

44 چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى - تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەممە نەرسىسىنى ئىئانە قىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan