Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


تالاق توغرىسىدىكى تەلىم

1 ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

2 ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە: - بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.

3 - مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

4 - مۇسا پەيغەمبەر ئەرلەرنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، - دېيىشتى ئۇلار.

5 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر بۇ بۇيرۇقنى يازغان.

6 خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى».

7 «بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ

8 بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەن بولماستىن، بىر تەندۇر.

9 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، - دېدى.

10 ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە سورىدى.

11 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ.

12 ئېرىدىن ئاجرىشىپ باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى

13 قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى.

14 بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر.

15 بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، - دېدى.

16 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى.


مۈلۈكداردىكى مۈشكۈلات

17 ھەزرىتى ئەيسا سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ: - ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.

18 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق.

19 سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ، - دېدى.

20 - ئۇستاز، بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، - دېدى ھېلىقى ئادەم.

21 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! - دېدى.

22 بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.

23 ھەزرىتى ئەيسا ئۆپچۆرىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا: - مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! - دېدى.

24 شاگىرتلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولۇشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - بالىلىرىم، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە!

25 بايلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! - دېدى.

26 شاگىرتلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن: - ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - دەپ سوراشتى.

27 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: - بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئەمەس، خۇدانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر، چۈنكى خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، - دېدى.

28 - مانا بىز ھەممىنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق! سىزچە، بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ - دېدى پېترۇس كەينىدىنلا.

29 - بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ۋە خۇش خەۋەرنى دەپ، ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى

30 بۇ دۇنيادا زىيانكەشلىككە ئۇچراش بىلەن بىرگە يۈز ھەسسىلەپ ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالا-چاقا ۋە يەر-زېمىنلارغا ئېرىشىدۇ. كېلىدىغان دۇنيادىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.

31 لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى

32 ئۇلار يېرۇسالېمغا بارىدىغان يولدا ئىدى، ھەزرىتى ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ خەتەر يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇ شەھەرگە ئالدىراپ ماڭغانلىقىدىن ھەيران ئىدى، ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يەنە بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا كېلىدىغانلارنى ئۇقتۇرۇپ:

33 - مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ، رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

34 رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ، ئۇنى قامچىلايدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا تىرىلىدۇ، - دېدى.


ياقۇپ بىلەن يۇھاننانىڭ تەلىپى

35 زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، بىزنىڭ بىر تەلىپىمىز بار ئىدى. ئورۇنداپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز، - دېيىشتى.

36 - سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

37 - سىز شان-شەرەپكە ئېرىشكىنىڭىزدە، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭىزدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرغۇزغايسىز، - دېيىشتى ئۇلار.

38 - سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟

39 - قوبۇل قىلالايمىز، - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە ئورتاق بولىسىلەر.

40 بىراق، ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. بۇ ئورۇنلار كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ، - دېدى.

41 بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت ياقۇپ بىلەن يۇھانناغا خاپا بولۇشقا باشلىدى.

42 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: - سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمران دەپ قارالغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ.

43 بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن.

44 كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن.

45 چۈنكى، ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


قارىغۇ بارتىماينىڭ كۆزىنىڭ ساقايتىلىشى

46 كېيىن، ئۇلار ئېرىخا شەھىرىگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى ۋە نۇرغۇن خالايىق بىلەن بىللە ئېرىخادىن قايتقان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى.

47 ئۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! - دەپ توۋلاشقا باشلىدى.

48 نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، رەھىم قىلغايسىز، - دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.

49 ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ: - ئۇنى چاقىرىڭلار، - دېدى. چاقىرغىلى بارغانلار قارىغۇغا: - قورقما! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! - دېيىشتى.

50 ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى.

51 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. قارىغۇ: - ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى.

52 ھەزرىتى ئەيسا: - قايتساڭ بولىدۇ، ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، - دېۋىدى، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەم يول بويى ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan