Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ تەلىم بېرىشى

1 خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ:

2 يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن: «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ.»

3 ئۇ بولسا: «باياۋاندا: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!Œ» دەپ توۋلايدىغان كىشىدۇر.

4 دەرۋەقە، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرگە: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! - دەپ جاكارلىدى.

5 كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.

6 يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.

7 ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: - مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!

8 مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ۋە سىنىلىشى

9 شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى.

10 ئۇ سۇدىن چىقىپلا، ئاسماننىڭ يېرىلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

11 ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

12 مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شۇئان چۆل-باياۋانغا ئېلىپ كەلدى.

13 ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ ياۋايى ھايۋاناتلار ياشايدىغان يەردە بولغان شۇ جەرياندا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۆت بېلىقچىنى چاقىرىشى

14 يەھيا پەيغەمبەر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ:

15 «ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! شۇڭا، توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.

16 بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمۇن بىلەن ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، كۆلگە تور سېلىۋاتاتتى.

17 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىدىغان قىلىمەن، - دېدى.

18 ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى.

19 كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننانى كۆردى. ئۇلار كېمىدە تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.

20 ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارنى شاگىرتلىققا چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىللە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى.


جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ ساقايتىلىشى

21 ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

22 خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى، تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى.

23 ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا، ئۇ:

24 - ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! - دەپ توۋلاپ كەتتى.

25 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى سۆزلىتىۋاتقان جىنغا بۇيرۇق قىلىپ: - ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! - دېدى.

26 جىن ھېلىقى ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇردى ۋە پەرياد كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى.

27 بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، - دېيىشتى.

28 بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تېزلىكتە پۈتۈن جەلىلىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتىشى

29 ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپلا، سىمۇن ۋە ئەندەر بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ياقۇپ ۋە يۇھاننامۇ ئۇلار بىلەن بىرگە باردى.

30 سىمۇننىڭ قېينانىسى قىزىتما ئىچىدە ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەزرىتى ئەيساغا دەرھال مەلۇم قىلىندى.

31 ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

32 كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى.

33 پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى.

34 ھەزرىتى ئەيسا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدەپ، جىنلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىغا يول قويمىدى. چۈنكى، جىنلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.


جەلىلىيىدە تەلىم بېرىش

35 ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.

36 سىمۇن بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەپ چىقىپ،

37 ئۇنى تاپقاندا: - ھەممەيلەن سىزنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! - دېيىشتى.

38 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارغىمۇ بارمىساق بولمايدۇ. ئۇ يەردىمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈشۈم كېرەك. چۈنكى، مەن مۇشۇ ئىش بىلەن كەلدىم، - دېدى.

39 شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى ھەمدە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسەلنى ساقايتىشى

40 ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دەپ يالۋۇردى.

41 ئىچى ئاغرىغان ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن! - دېۋىدى،

42 ئۇ ئادەم شۇئان ماخاۋ كېسىلىدىن ساقىيىپ، پاكپاكىز بولدى.

43-44 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دەپ، ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى.

45 بىراق، ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى ھەممە يەرگە يېيىۋەتتى. نەتىجىدە، خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئاشكارا بارالماي، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ، ھەر يەردىن كەلگەن خەلق ئۇنى يەنىلا ئىزدەپ تۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan