مىكاھ 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈش 1 ھالىمغا ۋاي! يازنىڭ مېۋىلىرى يىغىلىپ بولغان، ئۈزۈملەر ئۈزۈلۈپ تۈگىگەن، يېگىلى ھېچقانداق ئۈزۈم تاپالمىغان، كۆڭلىدە ئارزۇ قىلغان تۇنجى پىشقان ئەنجۈرمۇ قالمىغان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىم. 2 سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ. 3 ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ. 4 ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى يانتاقتىن، ئەڭ دۇرۇسلىرى تىكەنلىك چىتلاقتىن بەتتەردۇر. پەيغەمبەرلەر ئېيتقان جازا كۈنى كەلدى. ئەمدى ساراسىمىگە چۈشىدىغان ۋاقتىڭلار بولدى. 5 قوشناڭلارغا ئىشەنمەڭلار، دوستلىرىڭلارغا تايانماڭلار، ھەتتا قوينۇڭلاردىكى ئاياللىرىڭلارغىمۇ ئاغزىڭلار چىڭ بولسۇن. 6 ئوغۇل ئاتىسىنى كەمسىتىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېيىنئانىسىغا قارشى چىقىدۇ. ھەركىمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىدۇر. 7 لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن، قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن. خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ. 8 ئەي دۈشمەنلىرىم، ھالىمىزدىن شادلانماڭلار، يىقىلغان بولساق، ئورنىمىزدىن تۇرىمىز. قاراڭغۇلۇقتا قالغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزگە نۇر بولىدۇ. 9 بىز پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق. شۇڭا ئۇ بىزنى ياقىلاپ، ئاقلىغۇچە، بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىدايمىز. ئۇ بىزنى يورۇقلۇققا باشلاپ بارىدۇ. بىز ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمىز. 10 ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ. 11 ئەي ئىسرائىللار، ھامان بىر كۈنى سېپىللىرىڭلار قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، زېمىنىڭلار كېڭىيىدۇ. 12 ئۇ كۈن كەلگەندە، خەلقلەر سىلەرگە كېلىشىدۇ. ئاسسۇردىن مىسىرغىچە، مىسىردىن فىرات دەرياسىغىچە بولغان يەرلەردىكى شەھەرلەردىن، يىراق دېڭىزلاردىن ۋە يىراق تاغلاردىن كىشىلەر سىلەرگە كېلىشىدۇ. 13 لېكىن يەر-زېمىن كىشىلەرنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. 14 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن. 15 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغان چاغدا ئۇلارغا مۆجىزە كۆرسەتكىنىمدەك، سىلەرگىمۇ مۆجىزە كۆرسىتىمەن.» 16 باشقا ئەللەر بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى كۈچلۈك چاغلىۋالغانلىقلىرىدىن نومۇس قىلىشىپ، قوللىرىدا ئېغىزلىرىنى تۇتۇشىدۇ. قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ. 17 ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. پەرۋەردىگارغا مەدھىيە 18 قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن. 19 سەن يەنىلا بىزگە ئىچ ئاغرىتىسەن. ئەيىبلىرىمىزنى ئاياغ ئاستىغا، پۈتكۈل گۇناھلىرىمىزنى دېڭىزنىڭ تەكتىگە تاشلايسەن. 20 سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti