مىكاھ 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشى 1 ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، تاغلارغا بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلاڭلار. ئەرزىڭلارنى ئېدىرلار ئاڭلىسۇن. 2 ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. 3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىم، مەن سىلەرگە نېمە قىلدىم؟ سىلەرگە بىرەر ئېغىرلىقىم چۈشتىمۇ؟ جاۋاب بېرىڭلار! 4 مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم. 5 ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.» ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىشى 6 ئەرشتىكى خۇداغا سەجدە قىلغىنىمدا، نېمە ئېلىپ باراي پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا؟ ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ؟ بىر ياشلىق تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ-يە؟ 7 پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مىڭلىغان قوچقار قۇربانلىق قىلسام، تۈمەنلىگەن دەريالاردا زەيتۇن يېغىنى ئاققۇزسام، ئۇ مەندىن رازى بولارمۇ؟ قىلمىشلىرىم ئۈچۈن تۇنجى ئوغلۇمنى قۇربانلىق قىلايمۇ؟ گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن جۇدا بولايمۇ؟ 8 ياق، ئەي ئىنسان، نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگار ساڭا بىلدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى نېمە؟ ئۇ سېنىڭ ئادىل، رەھىمدىل بولۇشۇڭنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشىڭنى كۈتىدۇ. رەزىللەرنىڭ ۋەيران بولۇشى 9 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقتۇر. پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا خىتاب قىلماقتا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تاياق ۋە ئۇنى ئەۋەتكۈچى مەندىن قورقۇڭلار! 10 مەن رەزىللەرنىڭ ئۆيىدىكى ھارام بايلىقلارغا يەنە كۆز يۇمارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ساختا گىر تاشلىرى لەنەتلەنگەندۇر. 11 ناتوغرا تارازا ۋە ساختا تارازا تاشلىرىنى قوللانغان كىشىلەرنى بوش قويۇۋېتەرمەنمۇ؟ 12 شەھەردىكى بايلار زوراۋانلىق، ئاھالىلەر يالغانچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ تىلى ھىيلىگە تولغاندۇر. 13 شۇڭا مەن سىلەرگە ئېغىر زەربە بېرىشكە باشلىدىم، گۇناھلىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنى يوقىتىمەن. 14 يېسەڭلارمۇ قورسىقىڭلار تويمايدۇ، يەنىلا ئاچ يۈرىسىلەر. بايلىق يىغىسىلەر، لېكىن يىغقان بايلىقىڭلارنى ساقلىيالمايسىلەر. يىغقىنىڭلارنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىمەن. 15 تېرىغىنىڭلاردىن ھوسۇل ئالالمايسىلەر. زەيتۇنلۇقۇڭلاردىن بەدىنىڭلارنى مايلىغۇدەك ماي، ئۈزۈمۈڭلاردىن گېلىڭلارنى نەملىگۈدەك شاراب چىقمايدۇ. 16 چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti