Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىكاھ 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەي يېرۇسالېم، ھازىرلا قوشۇنۇڭنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ، سېنى قورشىۋالدى. ئۇلار تاياق بىلەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ يۈزىگە ئۇرىدۇ.


بەيتلەھەمدىن چىقىدىغان ھۆكۈمران

2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.»

3 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. پەقەت ھامىلىدار ئايال بالىسىنى تۇغقاندا، ئاندىن ئۇ بالىنىڭ ئامان قالغان ئىسرائىل قېرىنداشلىرى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ.

4 ئۇ قەددىنى رۇسلاپ، پەرۋەردىگارى خۇدانىڭ كۈچى ۋە بۈيۈك نامى بىلەن خەلقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ داڭقى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يېتىپ بارىدۇ.

5 ئۇ بىزگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاسسۇرلار زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، قورغانلىرىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، بىز ئۇلارغا قارشى يەتتە نەپەر يېتەكچى ۋە سەككىز نەپەر سەركەردە تەيىنلەپ، ئۇلارغا زەربە بېرىمىز.

6 ئۇلار قىلىچلىرى بىلەن ئاسسۇرلارغا ۋە نىمرودنىڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاسسۇرلار بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگرايىمىزغا ئاياغ باسقاندا، ئۇ بىزنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.

7 ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.

8 ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.

9 ئەي ئىسرائىل خەلقى، دۈشمىنىڭلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسىلەر، بارلىق دۈشمىنىڭلار ۋەيران بولىدۇ!

10 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، جەڭ ئاتلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىڭلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن.

11 زېمىنىڭلاردىكى شەھىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن، قورغانلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايمەن.

12 سىلەردىكى سېھىرگەرلىكنى يوقىتىمەن. سىلەردە پالچىلار قالمايدۇ.

13 بۇتلىرىڭلارنى ۋە بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. سىلەر ئەمدى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنمايسىلەر.

14 سىلەردىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوقىتىمەن، شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن.

15 ماڭا بويسۇنمىغان خەلقلەرگە قەھر-غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئىنتىقام ئالىمەن.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan