مىكاھ 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ تېغى 1 شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، خەلقلەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ. 2 نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ، مۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز». پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ. 3 ئۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. يېقىن-يىراقتىكى كۈچلۈك ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلقلەر قىلىچلىرىنى ساپانغا، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان پىچاققا ئايلاندۇرۇشىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارمايدۇ. 4 ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق دەپ ئېيتتى. 5 باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز. ئىسرائىل خەلقىنىڭ سۈرگۈندىن قايتىشى 6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقتى كەلگەندە، توكۇر بولۇپ قالغان خەلقىمنى يىغىمەن. سۈرگۈن قىلىنغان، ئۆزۈم ئازاب سالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. 7 مەن ئۇ توكۇرلارنى ئاساسلىق خەلقىم قىلىمەن. مەن سۈرگۈن قىلغانلارنى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار شۇ كۈندىن باشلاپ سىئون تېغىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن. 8 ئەي يېرۇسالېم، سەن خەلقنىڭ كۆزىتىش مۇنارى ۋە قەلئەسىسەن. سېنىڭ سەلتەنىتىڭ ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قېتىم پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولىسەن.» 9 ھازىر نېمىشقا ھۆڭرەپ يىغلايسىلەر؟ نېمىشقا تولغىقى تۇتقان ئايالدەك يىغلايسىلەر؟ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار يوقمۇ؟ دانىشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ 10 ئەي سىئون خەلقى، سىلەر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك قاتتىق ئىڭراڭلار، چۈنكى سىلەر ئەمدى بۇ شەھەردىن ئايرىلىسىلەر. دالادا ياشايسىلەر، ئەسىرگە ئېلىنىپ بابىلغا ئەكېتىلىسىلەر. كېيىن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۇ يەردە قۇتقۇزىدۇ، دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىدۇ. 11 ھازىر نۇرغۇن ئەللەر سىلەرگە قارشى يىغىلدى. ئۇلار: «بىز سىئوننى بۇلغايلى، ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەيلى» دېيىشىدۇ. 12 لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەيدۇ، مەقسەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ. خۇددى بۇغداي باغلىرىنى خامانغا يىغقانغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار ئۇلارنى يىغدى، ئەمدى جازالايدۇ. 13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti