مىكاھ 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيېتەكچى ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيىبلىنىشى 1 مەن مىكاھ مۇنداق دەيمەنكى، ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجەبا، سىلەر ئادالەتنى بىلمەمسىلەر؟ 2 سىلەر ياخشىلىقتىن نەپرەتلىنىسىلەر، رەزىللىكنى ياخشى كۆرىسىلەر. خەلقىمنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر، گۆشىنى شىلىسىلەر. 3 خەلقىمنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر، تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر. قازانغا سېلىنىدىغان گۆشتەك، سۆڭەكلىرىنى چېقىپ، گۆشلىرىنى پارچىلايسىلەر. 4 لېكىن بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنىسىلەر. ئەمما پەرۋەردىگار جاۋاب بەرمەيدۇ. سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار سىلەردىن دىدارىنى يوشۇرىدۇ. 5 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەر پەقەت قارنىڭلارنى تويدۇرغانلار ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيسىلەر، قارنىڭلارنى تويدۇرمىغانلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر. 6 قاراڭغۇلۇق سىلەرنى قاپساپ كەلمەكتە، ئەمدى ساختا غايىبانە ئالامەتلەرنى توقۇيالمايسىلەر. سىلەرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، پال ئاچالمايسىلەر. سىلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈندۈز قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ. 7 رەمچىلەر خىجىللىقتا، پالچىلار نومۇستا قالىدۇ. شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا مەن خۇدادىن جاۋاب كەلمەيدۇ.» 8 لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن. 9 ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! سىلەر ئادالەتنى ئۆچ كۆرىسىلەر، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىسىلەر. 10 سىلەر سىئوننى قاننىڭ، يېرۇسالېمنى رەزىللىكنىڭ ئۈستىگە بەرپا قىلدىڭلار. 11 شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ. 12 شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti