مىكاھ 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىزالىملارنىڭ قىسمىتى 1 تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. 2 ئۇلار باشقىلارنىڭ يېرىنىڭ كويىدا بولسا يېرىنى، باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ كويىدا بولسا، ئۆيىنى تارتىۋالىدۇ. بىرسىنى ئۆيىدىن، يەنە بىرسىنى مىراسىدىن ئايرىيدۇ. 3 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرگە شۇنداق بىر بالا ھازىرلاۋاتىمەنكى، سىلەر بۇ بالادىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. بېشىڭلارغا شۇنداق ئېغىر بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيسىلەر. 4 ئۇ كۈن كەلگەندە، يات خەلقلەر سىلەرنى زاڭلىق قىلىپ: ‹بىز تۈگەشتۇق، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتتى. مۈلكىمىزنى ئېلىپ كەتتى، بىزگە خائىنلىق قىلغانلارغا يەرلىرىمىزنى ئېلىپ بەردى.› دەپ مەسخىرە ناخشىسى ئوقۇشىدۇ.» 5 پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئىچىدە قايتىدىن يەر تەقسىم قىلىش ئۈچۈن چەك تاشلانغاندا، سىلەر ئۈچۈن چەك ئالىدىغانلار بولمايدۇ. 6 خەلق ماڭا مۇنداق دېدى: «بىزگە بۇنداق گەپلەرنى قىلما، بۇنداق بالا-قازالار ھەققىدە بېشارەت بەرمە. بىز ھەرگىز شەرمەندە بولمايمىز!» 7 ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، بۇنداق دېسەڭلار بولامدۇ؟ پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنىڭ چېكى يوقمۇ؟ ئۇ مۇشۇنداق بالا-قازالارنى كەلتۈرمەسمۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ئادەملەرگە پايدىلىق ئەمەسمۇ؟ 8 يېقىندىن بۇيان سىلەر خەلقىمگە قارشى دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالدىڭلار. سىلەر ئۇرۇشتىن قايتىپ يولدىن خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ چاپانلىرىنى سالدۇرۇۋالدىڭلار. 9 خەلقىمنىڭ قىز-ئاياللىرىنى بەختلىك ئائىلىلىرىدىن قوغلىدىڭلار. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئۇلارغا ئاتا قىلغان بەختىمنى مەڭگۈلۈك تارتىپ ئالدىڭلار. 10 ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار. بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ! بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار، ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار. 11 ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ. خەلقنىڭ قۇتقۇزۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بېشارەت 12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرى، ھەممىڭلارنى يىغىمەن، ھايات قالغان ئىسرائىل خەلقىنى يىغىمەن. سىلەرنى قوي پادىلىرىنى قوتانغا يىغقاندەك يىغىمەن. سىلەر خۇددى يايلاقتىكى قوي پادىسىدەك توپلىشىسىلەر. زېمىنلىرىڭلار يەنە ئادەملەر بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ. 13 مەن پەرۋەردىگار يول ئېچىپ، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن. سىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، يېڭىباشتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولغان مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول باشلايمەن، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti