مىكاھ 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسامارىيە بىلەن يېرۇسالېمغا مەرسىيە 1 يەھۇدىيە پادىشاھلىرىدىن يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، پەرۋەردىگاردىن موراشىت يېزىسىدىكى مىكاھقا ۋەھىيلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ ۋەھىيلەر سامارىيە ۋە يېرۇسالېم ھەققىدە ئىدى. 2 ئەي بارلىق خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! ئەي زېمىن ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 3 قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماكانىدىن ئايرىلىپ، تاغ چوققىلىرىنى دەسسەپ كېلىۋاتىدۇ. 4 ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى تاغلار خۇددى مومدەك ئېرىمەكتە. جىلغىلار يېرىلىپ، قىيا تاشلار خۇددى سۇدەك تاغ باغرىدىن ئاقماقتا. 5 ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ نەدە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سامارىيەدە ئەمەسمۇ؟! يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قەيەردە بۇتپەرەسلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ يېرۇسالېمدا ئەمەسمۇ؟! 6 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگار سامارىيە شەھىرىنى ۋەيران قىلىمەن، شەھەر ئورنىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىنىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا غۇلىتىمەن، شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئۇللىرى ئېچىلىپ قالىدۇ. 7 سامارىيەنىڭ بارلىق بۇتلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن. ئۇنىڭ بۇتلىرىغا سۇنغان پۈتكۈل ھەدىيەلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ. مەن ئۇنىڭ بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. ئۇنىڭ بۇتخانىدا پاھىشىلىك قىلىپ توپلىغان ھارام بايلىقلىرى باشقا ئەلدىكى بۇتپەرەسلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» 8 شۇڭا مەن مىكاھ سامارىيە ئۈچۈن ھازا تۇتۇپ، پەرياد قىلىمەن. يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ كېزىپ يۈرىمەن. چىلبۆرىدەك، ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلاپ، پەرياد قىلىمەن. 9 سامارىيەنىڭ يارىسىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، بۇ بالا-قازا يەھۇدىيەگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. بالا-قازا خەلقىم ياشايدىغان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلمەكتە. 10 بۇنى گات شەھىرىگە بىلدۈرمەڭلار. پەقەت يىغلىماڭلار، بەيت-لىئافرادا قايغۇدىن توپىدا ئېغىناڭلار. 11 ئەي شافىر ئاھالىسى، يالىڭاچ ۋە خورلۇق ئىچىدە سۈرگۈن بولىسىلەر. زائانان ئاھالىسى شەھەردىن چىقىشقا پېتىنالمايدۇ. بەيت-ئېزەل ئاھالىسى ئېچىنىپ يىغلايدۇ، ئۇلار ئەمدى سىلەرگە پاناھ بولالمايدۇ. 12 ماروت ئاھالىسى ئەنسىرەپ، مەدەت كۈتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاپىتى يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قالدى. 13 ئەي لاكىش ئاھالىسى، ھارۋىلارغا يۈگۈرۈك ئاتلارنى قېتىپ، قېچىڭلار! چۈنكى سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال ئەگىشىپ، سىئون خەلقىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولدۇڭلار. 14 شۇڭا سىلەر موراشىتگات ئاھالىلىرىگە خوشلىشىش سوۋغاڭلارنى بېرىڭلار. ئاكزىب شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنى ئالدايدۇ. 15 ئەي مارېشا خەلقى، پەرۋەردىگار ئۈستۈڭلارغا بىر ئىشغالىيەتچى ئەۋەتىدۇ. ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرى ئادۇللام غارىغا قېچىپ بارىدۇ. 16 ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار. جانجىگەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ئۈچۈن نالە قىلىڭلار. بېشىڭلار تازقارىنىڭ بېشىدەك تاقىر بولسۇن. چۈنكى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti