مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىچۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ تەلىم بېرىشى 1 شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چۆللۈك رايونلىرىغا كېلىپ تەلىم بېرىپ، 2 كىشىلەرگە: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! - دېدى. 3 چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «باياۋاندا بىر كىشى: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!Œ دەپ توۋلايدۇ.» 4 يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. 5 يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە ئىئوردان دەريا ۋادىلىرىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، 6 گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. 7 پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! 8 ئەگەر: «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. 9 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 10 پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 11 مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 12 ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى 13 شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى. 14 بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي: - سېنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىنىڭ نېمىسى! مەن چۆمۈلدۈرۈشنى ئەسلى سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ - دېدى. 15 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى. 16 ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 17 ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti